بۇلبۇل بلوگى

0

زاھىردىن مۇھەممەت بابۇر

268
قۇردىم مەن ئۆمرۈمدە ئىككى سەلتەنەت ،
يىراق دىھلىدا ھەم ئانا تىلىمدا.
ھەريىلى شېخىدىن تۆكۈپ مۇئەمما ،
يىلتىزى يېيىلىپ تۇرار جېنىمدا.

ھەيۋەتلىك خاقان مەن لىكىن تىزلىنىپ ،
يۇرتۇمنى مەڭگۈگە ئەيلىدىم سەنەم.
ئانا يەر ھۆسنىگە بۇلۇپ ئىنتىزار ،
خۇن بولغان يۈرەككە چىلدىم قەلەم.

تاجىم جۇلاسىنى سۇندۇردى يىللار ،
قالدى يامغۇرلاردا ياسىداق ئايۋان.
تەڭرى تاغلىرىدا ئامۇ بويىدا ،
جاراڭلاپ تۇرماقتا مەن سۈرگەن زۇۋان.

قالدۇرغان قۇرلىرىم ئوخشار باشاققا ،
تۆكتى دانلىرىنى چىقىپ بورانلار.
ئۈنگەن مايسىلارغا تولۇپ پايانى ،
دېڭىزدەك چايقىلىپ تۇرار زامانلار.

سۆزلەرنى تېرىساڭ ئۈنىدۇ قۇياش ،
قۇياشنى قۇچاقلاپ ئاسمان ئۈنىدۇ.
سىلجىتىپ ئۇپۇقنى يىراق-يىراققا ،
خور قىلىپ ئېيتىلغان داستان ئۈنىدۇ.

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ