بۇلبۇل بلوگى

0

زادى چىدىيالمىغاندا

474

زادى چىدىيالمىغاندا
يۇلتۇزلاردەك سۆزلەشنى ئۆگەندىم،
دېرىزىلەرنىڭ چېقىلىشى مەن بىلەن مۇناسىۋەتسىز

كېچىنىڭ قۇلى
قولۇمدا،
پۇتى
پۇتۇمدا،
مەن بايان قىلدىم

مېنى ئاشىق دېسەڭ
ھەممە قىزىقسىنىپ قارايدۇ – يۇ
ئۆتۈپ كېتىدۇ،
مەن دەرەختەك قالىمەن
يوللاردەك ئۇزۇنمەن
بىر ماي قاچىلاش پونكىتىدەك ئەستايىدىل

پەسكۇيغا چۈشكەن ھېكايىدەك
بىردەم ئارام ئېلىۋاتقان ئۈستەلدەك
يىقىلغان قىيادەك
بىر ئادەممەن، ئاخىر…

2016- يىلى 16ـ دېكابىر

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ