بۇلبۇل بلوگى

0

يۈسۈپ خاس ھاجىپ

252
ئۆچتى تۇمان باسقان خېرە كۆزلەردىن ،
قەلىمىم ئۇچىدىن ئېچىلغان شەھەر.
نەغمىگە تۇتۇلغان بىھۇش سۆزلەردىن ،
غەش بولۇپ مەغرىپكە ئۇزىدى قەمەر.

خانىقا ئىچىدە يېنىپ جىن چىراق،
نىشە تۈتۈنىگە ئالماشتى قانۇن.
شاھانە ساراينىڭ خارابىسدە ،
ئاينىڭ شولسغا مۇڭ تۆكتى قالۇن.

ھەقىقەت ساداسى يىتىپ قۇلاققا ،
ئەقىل ۋە غورورغا يەتمىسە ئەگەر.
ئۈلگۈرمەي قالىسەن ئاچچىق ساۋاققا،
بۇسۇغۇڭ ئالدىغا كەلگەندە خەتەر.

شاراپنىڭ كەيپىدىن يارالغان چۆلدە ،
دەرۋىشكە ئايلىنار خاقانسىز شائېر.
قەلىمىنى تىگىشەر سۇنۇق تاۋاققا ،
ئاۋات رەستىلەردە ماكانسىز شائېر.

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ