بۇلبۇل بلوگى

0

يۇرتۇم قالدى

166

(1937-يىلى ماخوسەن باندىتلىرى تەرىپىدىن گەنسۇغا ئېلىپ كېتىلگەن بىر خوتەنلىك قىزنىڭ ئاغزىدىن)

مەن تۇغۇلۇپ ئويناپ ئۆسكەن

قىزلگۈلدەك باغلار قالدى،

ئېگىز-ئېگىز، خو چىرايلىق،

يالقۇن تاشلىق تاغلار قالدى.

بۇغا-مارال پادا-پادا،

ئويناپ يۈرگەن سايلار قالدى.

تاغ باغرىدا ئويناپ سەكرەپ

بوتىچاقلار، تايلار قالدى.

ئېگىز تاغنىڭ يان باغرىدا،

سۇلار ئېقىپ ھەر يانىدا،

قۇشلار سايراپ كەڭ قوينىدا،

يېشىل – يېشىل قىرلار قالدى.

ئەگىپ – ئەگىپ بويلاپ ئاققان،

چۇرۇق – چۇرۇق ئويناپ ئاققان،

ئاق كۈمۈشتەك پالىلدىغان

بالدىن تاتلىق سۇلار قالدى.

سۇ بويىدا شىلدىرلىشىپ،

تەزىم بىلەن باش ئېگىشىپ،

مەن يېتىمنى ئۇزىتىشىپ

لەيلى – مەجنۇنتاللار قالدى.

جىمجىت كوچا، ئايدىڭ كېچە،

بۇلاق بويلاپ باغچە-باغچە،

يۇلتۇز ساناپ تاڭ ئاتقۇچە

ئويناپ ئۆتكەن چاغلار قالدى.

چۆللەر ئارا غېرىب باشىم،

قۇرۇمايدۇ كۆزدە ياشىم.

قىيامەتلىك قېرىنداشلىرىم-

كۆيۈمچانىم دوستلار قالدى.

قالدى يۇرتۇم، قالدى تەختىم،

قالدى مېنىڭ ھۆر جەننىتىم.

ياۋ قولىدا قارا بەختىم،

ئالتۇن بۆشۈك يۇرتۇم قالدى.

1947-يىل 12-دېكابىر، ئۈرۈمچى

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ