بۇلبۇل بلوگى

0

يۇرتقا مۇھەببەت

360

مەن بۇ يەردە بارلىق كوچىلارنى بىلىمەن:
بىرىنچى كوچىدىن ھېچيەرگە بارغىلى بولمايدۇ،
ئىككىنچى كوچىنىڭ كىرىش ئىشىكىدە بىر قوغدىغۇچى ئۇيقۇغا كەتكەن،
ئۈچىنچى كوچىدىكى مەن چەككەن ئىشىكنى
بەلكىم ھازىر بىر بالا ئاچار،
ھەر كۈنى تۆتىنچى كوچا ئالدىدىن ئۆتىمەن،
بەشىنچى كوچىدا بىر دوستۇمنىڭ ئۆيى بار،
ئۇ دوستۇم ئائىلىسى بىلەن خاتىرجەم ياشايدۇ،
ئالتىنچى كوچىنىڭ ئىچكىرىسىگە كىرگەندىلا
ئاندىن قۇياشنىڭ كۆتۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ،
يەتتىنچى كوچىدىن ئاتلاپ كەتكىنىم ئۈچۈن
سېغىنىش ئىچىدە قېرىپ كەتمەكتىمەن،
سەككىزىنچى كوچىدىكى ئاياغ ئىزى
مېنىڭ ئەمەس، ئەمەس، ئەمەس!
توققۇزىنچى كوچىدا توختىمىدىم،
ئونىنچى كوچىدا چۈشۈپ قالدىم،
ئون بىرىنچى كوچا بىر بازارغا تۇتىشىدۇ،
مەن بۇ بازاردىن سېتىۋالغان ئاياغنى
ھېلىغىچە كىيىپ يۈرىمەن،
ھېلىغىچە ئالماشتۇرۇش خىيالىنى
بايا ماڭا پۇتلىشىپ ئۆتكەن بىر كىشىنىڭ غەزەپلىك چىرايىغا
يۆتكىمىدىم.
دەرۋەقە
مېنىڭ تۇتىۋېلىش قابىلىيىتىم سىلەرنى ھەيران قالدۇرىدۇ.

مېنىڭ يېزىلىق دوستلىرىم ئىنتايىن سەۋرچان،
مەن بىر قۇلۇپنى ئاچقۇچە
تىنماي قاراپ تۇرىدۇ،
كېيىن ئۇلار
مېنىڭ كىرىپ كېتىشىمنى ئەمەس
قايتىپ چىقىشىمنى ئۈمىد قىلىدۇ،
مەن قايتىپ چىقمايمەن، ۋە ئۇلارنى ئارتۇق ساقلاتمايمەن،
بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىز جەنۇبىي دېڭىز بويىدىكى شەھەردەك
يىل بويى ئىللىق، نەم.

شەھەر بىر خىل ئىدىيە،
بىز پىكىر قىلىمىز، بىليارت ئوينايمىز، بۇزۇقچىلىق قىلىمىز، ھاراق ئىچىپ ئېسىمىزگە ئالىمىز.
مەن سىلەرنى ياخشى كۆرىمەن!
مەن سىلەرگە نەپرەتلىنىمەن!
مەن سىلەرگە چىدىمايمەن!
ياخشى كۆرۈشۈمنى يالغۇزلىقىمدىن ئىزدەڭلار،
نەپرىتىمنى توپ باھادا سېتىپ تۇرمۇشۇڭلارنى قامداڭلار،
چىدىمايدىغانلىقىمنى ھېچكىمگە تىنماڭلار!
بىز داۋاملىق ئالغا قاراپ ئىلگىرىلەيلى،
ئالدىمىز كۆرۈنمەس.

مېنىڭ بەك يۈكسەك ئارزۇيۇم يوق،
ھەپتىدە ئىككى كۈن چىراقنى ئۆچۈرۈشنى
ئاچقۇچنى ئېلىۋېلىشنى
ھەددىمدىن ئېشىشنى ئۇنتۇپ قالسام بولدى،
چۈنكى مەن ئۆلگىچە ياشايمەن!
مەندىن سورالغان سوئاللار ئەنئەنىۋىي،
بېرىدىغان جاۋابلىرىم تەبىئىي،
سىقىلىشلىرىم تاش…

يۇرتۇمدىن چىقماق بولسام
ئۆزۈمنى قويۇپ يۇرتۇمنى ئېلىپ كېتىمەن:
ئۆزۈم ئاياللارنىڭ مۇستەبىتلىكىدە يۇرتۇمنى گۈللەندۈرىدۇ،
يۇرتۇم ياقا يۇرتلاردىكى مېھمانخانىلاردا
قۇلۇمنى تۇتۇپ، ماڭا يۆلىنىپ لەۋلىرىمنى مىدىرلىتىدۇ…
بىز نەسىھەت قىلمىغۇدەك، نەسىھەت ئاڭلىمىغۇدەك سۆيىشىمىز!
بىز ئايرىلىپ كەتكۈدەك مۇھەببەتلىشىمىز!

2016- يىلى 21- دېكابىر

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ