بۇلبۇل بلوگى

0

يۈرىكىم سۆزلەيدۇ

220

مەن،
ئادەمگە خاس چىرايىم بىلەن
پۇت –قوللىرىم كۆزلىرىم بىلەن،
ماماتىمنى قالدىم يوشۇرۇپ.
سۆزلىمەكچى بولغاندا،
قورقۇتۇپ ۋە پوپۇزا قىلىپ،
ۋۇجۇدۇمنىڭ ئەڭ چوڭقۇرىغا
يۈرىكىمنى قويدۇم باستۇرۇپ.
دوقمۇشلاردا قالسام ئۇچرىتىپ،
قەلەندەرلىك قىلغان ئۆزۈمنى،
سەدىقەمنى مەھكەم سىقىمداپ،
يۇمۇۋېلىپ ماڭدىم كۆزۈمنى.
يۈرىكىم بىر ناخشا ئېيتماقچى بولۇپ،
يىغلاشقا باشلىدى ئېيتالماي تولۇق.
ئۇ شۇنداق سۆزلەيتتى ئېسەدەپ تۇرۇپ،
ئۇنتالماس شاختىكى ئىككى قۇشقاچمۇ،
بىر چۈشنى تەڭ كۆرگەن،ئاخشامنى ئەبەت.
نېمىشقا بىر مەنلا ئىختىيارىمچە،
خالىغان چۈشلەرنى كۆرمەيمەن پەقەت.
بىر تال قىلنىمۇ كۆتىرەلمەيمەن،
تەئەللۇق بولمىسا ئەگەر ئۇ ماڭا.
كۈلگەن بولسام سېنىڭ كۈلكەڭنى،
ئىشەنگىن قايتۇرۇپ بېرىمەن ساڭا،
ئالغان بولسام ئىسمىڭنى تىلغا،
ئەپۇ قىل،ئېيتماسقا بېرىمەن ۋەدە،
تەڭلىمە قەلبىڭنى ھېسداشلىق بىلەن،
سەدىقە ئالغۇدەك ماغدۇر يوق مەندە.

سۆزلىمەكتە يۈرىكىم،
بىر تامچە ياش ئاستىدا بەلكىم
كۈلۈمسىرەپ تۇرغاندۇ ئەتەم.

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ