بۇلبۇل بلوگى

0

يوقۇلۇش

167

رىشاتكىلارغا بويسۇندۇم
سەن ئۇ تەرەپتە
ساڭا ئاراچلاردىن قارىدىم
شۇڭا قانچىلىك سېغىنغىنىمنى بىلەلـمىدىڭ

قۇلۇپلارغا بويسۇندۇم
ئاچقۇچ بىزدە ئەمەس
مەن سىرىتتا
ئىشىكنى ئاچالىساملا ساڭا ئاشىقلىقىمنى بىلەتتىڭ

تاملارغا بويسۇندۇم
شوتا يوق ، جۈرئەتمۇ ھەم
نەقەدەر ئېگىز ھەم قېلىن تاملار بۇ
ئاۋازىم ئۇ تەرەپكە ئاڭلانسىلا سەنمۇ ماڭا ئاشىق بولاتتىڭ

سىزىقلارغا بويسۇندۇم
كىملىكىمنى كۆرسەتتىم
بارماق ئىزىمنى بەردىم
سەن ئۇ ياقتا ھاياتىم كەبى تۇرىسەن
سىزىقتىن ئۆتەلىسەملا
سەن مەڭگۈ مېنىڭ بولاتتىڭ
مەن مەڭگۈ سېنىڭ بولاتتىم

سەن ماڭا دائىم
ئەجەپ يوقاپ كەتتىڭغۇ ، دەيسەن
ياق ، مەن سېنىڭ ئۇدۇلىڭدىلا
مەن يوقاپ كەتمەيمەن
مەن ئۆلۈپ كەتمەيمەن
بەلكى ساڭا يېقىنلا يەردە مانا مۇشۇنداق يوقىتىلىمەن

2016 ـ يىل 25 ـ يانۋار، ئۈرۈمچى

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ