بۇلبۇل بلوگى

0

يىراقتىن خەت

312

يېقىندا پوچتىچى ئەكەلدى بىر خەت،

يېزىلغان بەك يىراق بىر مەملىكەتتىن.

ئوقۇپ كۆرسەم تونۇش بىر كىمسە يازغان،

باياندۇر كۆز يېشى، ھەسرەت ۋە دەردتىن.

1

…شۇ يەردە توختىماي ئەمدى سالامىم،

ئىشىت دوستۇم، ساڭا ئېيتاي كالامىم.

بەخت ئىزدەپ يىراقلاردا ساراڭدەك،

كېزىپ يۈردۈم شامال سوققان غازاڭدەك.

ماڭا نەدىكى قۇت(بەختۇ ئامەت)،

جىگەر پارە، چېكىپ دائىم مالامەت.

تالاي يىللار ئۆتۈپ كەتتى بېشىمدىن،

ئېتەكلەر قۇرۇماي ئىسسىق يېشىمدىن.

جاھاندا قالمىدى مەن تارتمىغان دەرد،

ھەمىشە ھەمراھىمدۇر دەردۇ ھەسرەت.

گاھى مەن پۇلمۇ تاپتىم، يولمۇ تاپتىم

ۋە ھەتتا يۈز تېپىپ ”جاناب“ئاتالدىم.

2

نېرى كەتمەس كۆزۈمدىن بالا چاغدا،

پاكار سوقما تاملىق گۈللۈك باغدا

ئېچىلغان خۇش پۇراق غۇنچە-چېچەكلەر،

چېچەكلىكتە ئۇچقان گۈل كېپىنەكلەر.

ئېسىمدە بىللە ئۆسكەن ئاشۇ مەلە،

پادا باققاچ يېشىل چىملىقتا بىللە

يالىڭاچ چۆمۈلۈپ ئۆستەڭدە ئويناپ،

يېتىپ قۇملۇقتا تەننى كۈلگە قاقلاپ،

بۇلاق سۇلىرىغا نان چىلاپ بىز

قاقاقلاپ، تالىشىپ يېگەن چېغىمىز…

ئېسىمدە چۇرقىراپ بىز ”ۋاللەي“ئويناپ،

كېيىكتەك سەكرىشىپ ئۆلەڭنى بويلاپ،

يۈگەنسىز تاڭ كەبى ئۆتكەن گۆدەكلىك،

غەمۇ ئەندىشىسىز ئۆتكەن گۆدەكلىك.

كۆزۈمدىن نېرى كەتمەس شۇ زامانلار،

ئېتىز – قىرلاردىكى چەللە باراڭلار.

ۋە لېكىن نېمىدۇر بىرنېمەم كەم،

تېشىم كۈلگەن بىلەن كۆڭلۈم چېكەر غەم.

يېيىلسا نازۇ نېمەت داستىخانىم،

نېچۈكتۇر سىرقىرار جان، ئۇستىخانىم.

يېتەر يادىمغا شۇئان قوۋم-قېرىنداش،

كۆزۈمگە لىق تولۇپ تەكرار ئىسسىق ياش.

كېلەر ئەسكە ئۆتمۈش بىر رىۋايەت:

سۇلايمان ئىچمىگەن سۇدىن ھېكايەت.

يېشىل قارىغاي، ئېگىز تاغلار، ئېدىرلار،

چىمەنگە پۈركىنىپ ياتقان شۇ قىرلار؛

چۇرۇقلاپ تولغىنىپ ئاققان ئېرىقلار،

ئىرغاڭلاپ ئېتىزدا بۇغداي-تېرىقلار؛

بۇغا بىرلەن مارال جۈپ-جۈپى بىرلە،

غاز، ئۆردەك ۋە كەكلىك ئۆز توپى بىرلە

تاماشا ئەيلىگەن شۇ دالا-تۈزلەر،

شۇ تۈزلەڭدە سوزۇلغان كەڭرى بوزلار؛

يېيىلغان مال تولا يايلاق ۋە ئوتلاق،

قوش ئەمچەكلەر ئېمىپ قوزا ۋە تايچاق؛

ئىدى ھۆسنى بىلەن زەپمۇ دىلئارام،

نېسىپ بولغايمۇ ئاندا ماڭا ئارام؟

چېلىنغاندەك بوۋاي قەمبەر دۇتارى،

قوشۇلغاندەك يەنە قەشقەر ساتارى.

سەھەر بۇلبۇلى ناۋاسى ئەۋج ئالغان،

ۋىچىرلاپ قارلىغاچ ۋە قارا قۇشقاچ.

قاناتلان، سەنمۇ ئۇچ دەيتتى پىچىرلاپ،

قالاتتىم زوقلىنىپ، جېنىم تېپىرلاپ.

سېغىندىم ئاشۇلارنى، بەك سېغىندىم،

كېسەللىكتەك بىلىنمەكتە سېغىنچىم.

نېسىۋەم بارمىدۇ كۆرمەككە قايتا،

ئۆمۈرنىڭ ئاخىرىدا بولسىمۇ تا.

3

مېنى سورىساڭ، پىراقتا سارغىيىمەن،

كۈنۈم ياخشى، لېكىن مۇندا غېرىبمەن.

نە جان دوست-سىردىشىم، نە ھەمراھىم بار،

ئىچىم پۇشقاندا نە مۇڭداشقىلى يار.

قەيەردە توي-تۆكۈن، مەشرەب ناۋاسى،

ھېيت-ئايەم كۈنلىرى ناغرا ساداسى!

قەيەردە باشقا چۈشسە بىر پالاكەت،

كۆڭۈل ئېيتىدىغان يارۇ جامائەت!

مانا پەرزەنتلىرىمۇ بويىغا يەتتى،

ۋە ھەتتا بەزىسىنىڭ ۋاقتى ئۆتتى.

قېنى لايىق كېلىن ياكى كۈيئوغلۇم؟

ئېچىلمايدۇ شۇڭا غەمخانە كۆڭلۈم.

قەيەردە ئانا تىل مەكتىپى، دەرسى،

ۋەتەننىڭ ئەنئەنە پارلاق مىراسى؟

ئۆزۈم باشقا، بالام باشقا بىر ئىقلىم،

تىلى ھەم باشقىچە، ھەيرەتتە ئەقلىم!

ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر كۈن يەتسە سائەت،

ئۆمۈرنىڭ كوزىسى سۇنغۇسى ئەلۋەت.

قالارمۇ سۆڭىكىم شۇ ياقا يۇرتتا،

قوشۇلماستىن ۋەتەننىڭ تۇپرىقىغا.

شۇ غەملەر ئىچرە جان دائىم بىئارام

ئۆتەر ھەسرەت ئىچىدە، ئەي دىلئارام.

4

شۇڭا يازدىم ساڭا خەت، كۆزدە ياشىم،

مۇرۇۋەت قىل ماڭا دوستۇم، قاياشىم.

ئەۋەتكىن ماڭا ئازراق توپا-تۇپراق،

يەنە بىر تال غازاڭ ۋە ياكى ياپراق.

قىلاي مەن تۇتىيا ھازىر كۆزۈمگە،

تەسەللى بولغۇسى شۇ ئۆز-ئۆزۈمگە.

ئەگەر ئۆلسەم لەھەتكە بىللە قويسۇن،

ۋەتەن تۇپراقىغا تېنىم قوشۇلسۇن.

ئۈمىدسىزلىك، لېكىن ئۇ پەيلى شەيتان،

ئەجەبمەس ماڭا ھەم تېپىلسا ئىمكەن.

ئىشىتسەم ھەر تەرەپتىن غايىبانە،

تولا ياخشى بولۇپ قاپتۇ زامانە.

ھەرەمنى ئالتە رەت قىلدىم زىيارەت،

ئەگەر يەتتىنچىسىگە بولسا پۇرسەت.

قىلۇرمەن ئۆز ۋەتەننى سەجدىگاھىم،

سۈرۈپ تۇپراقىنى كۆزۈمگە دائىم…

1983-يىل نويابىر، ئۈرۈمچى

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ