بۇلبۇل بلوگى

0

يىللار ئارا

224

قۇلۇمدىن تارتسا سۆرەپ كۈنلەر مېنىڭ،
كەينىمدىن ئايلار يەنە ئىتتىرىپتۇ.
ھەپتىلەر قوغلاپ ھايات قەلئەسىدىن ،
پەسىللەر ماڭا كېپەن پۈتكۈزۈپتۇ.
كەينىمگە تارتىشقىنىم راستتۇر مېنىڭ،
تىرەجەپ باققىنىممۇ ھەر قەدەمدە.
دادامغا نېمە دەيمەن بۈگۈن كەتسەم،
بۇ بېشىم قالدى شۇڭا قايغۇ-غەمدە.
قايرىلىپ باققان ئىدىم ئىزلىرىمغا،
كۈنلەرنىڭ سىنىقىدا بولۇپ قالدىم.
ئالغىنىم نە؟ دېگەندە چاپچىغانتىم.
بەرگىنىڭ نە؟دېگەندە تۇرۇپ قالدىم.
جىم بولۇپ قالدى ئاغزىم شۇنى ئويلاپ،
ئۆزۈمنى ئېيتالمىدىم گۇناھسىز،دەپ.
ئۆمرۈمدىن ئەمدى قوقاس چوخچىلايمەن،
سەۋەنلەر چىقتى يۈگۈرۈپ:مانا بىز!دەپ.
كەينىمگە تارتىشىقىنىم شۇنىڭدىندۇر،
قىلمىغان تالاي ئىشىم چالا قالدى.
تەلتۆكۈس ئۆرە بولغان مۇنارىم يوق،
سۇ تۇتسام ئاختاماممۇ ئالا قالدى.
بىلگۈچە ئاق-قارىنى،ئۆتۈپ كەتتى،
بۇ ئۆمۈر غاپىللىقتا، بىھوشلۇقتا.
چاتقالغا تونۇش تۇرۇپ قېيىپ قالدىم،
قالغاندەك توشقان تېنەپ قومۇشلۇققا.
ساۋاقسىز كەلگىنىم يوق شۇ مەنزىلگە،
بۇ شۇنداق ئارمىنى كۆپ جاھان ئىكەن.
بۈگۈننىڭ راھىتىنى دېگەن بىلەن،
ئەتىنىڭ پۇشايمىنى يامان ئىكەن.
يىل بىلەن يىل ئارىسى ئۇزاق بىر يول،
قىش مىجەز،باھار مىجەز ئادەملەرمۇ،
سەۋەنلەر بۇزدى تالاي لەۋزىلەرنى،
ئەپسۇستا بېقىپ ياتتى لەۋزىلەرنى،
ئەپسۇستا بېقىپ ياتتى ئانا يەرمۇ.
ياشايدۇ جىق ئادەملەر ئىخلاسىدا،
تەڭرىدىن تەل بولماقنى تەمە قىلىپ،
ئاغزىدىن توختىمايدۇ ئەسلا دۇرۇت،
بارىدۇ بىللە يەنە گۇناھ قىلىپ.
بارچىدىن ياخشى سۆزنىڭ موللىسى كۆپ،
توختىماس نەسىھەتكە قويۇپ بەرسەڭ،
سەن بىلەن بىلىپ تۇرۇپ بىللە يەيدۇ،
ئوغرىلاپ بىرەر كالا سويۇپ بەرسەڭ.
كۆكتىكى غازمۇ باقماس غادايغانغا،
جاي نەدە قەلبلەردىن تەكەببۇرغا؟
ئەل سۆيمەس ئۆزى ئۈچۈن ئوتلىغاننى،
پۈركەيدۇ ئەجرىلىكلەر ئەلنى نۇرغا.
گۈل ھۈسىن بەرگەن بىلەن گىرىم ساڭا،
گۈل ھىدى بېرەلمەيدۇ ھېچكىمگىمۇ.
توز يەڭلىغ ياسانغىنىڭ مەرىپەتسىز،
يارىماس بۇ دۇنيادا ئۈچ كۈنگىمۇ.
ئۆزگىلەر ئەستىن چىقتى بىر ئۆزۈڭدىن،
تاپقىنىڭ شۇ بولدىمۇ بايلىق يىغىپ؟
سەن گويا جان يولاتماس تەپكەك كالا،
ئىچكۈلۈك ئەللەر سېنى قانساق سېغىىپ؟
ناخشىنى يېڭىۋاشتىن ئېيتالايسەن،
ئۆمۈرنى كىم بار قايتا باشلىيالىغان؟
زەررىچە ھۇزۇرى يوق ئەلگە بەرگەن،
نۇرسىزلار نەدە بىر قىر ئاشالىغان؟
شۇلارنى بىلىپ تۇرار ئىنسان دېگەن،
شۇلاردىن بىلىپ تۇرۇپ خالىي ئەمەس.
بارىدۇ ئۆمۈر شۇنداق يىللار ئارا،
گۈل ئاچماي تۆمەنلىگەن ئارزۇ-ھەۋەس.
يەپ قالسۇن ئارمىنىڭنى كەينىڭدىن ئەل،
-ۋاي ئىسىت،كېتىپ قالدى بىر ئالتۇن!دەپ.
ياشايلى ئەڭ بولمىسا بىر تال چوغدەك،
يۈرەكلەر بىر-بىرىدىن ئوت ئالسۇن!دەپ.
تۆت مىنۇت سۆزلەپ قالدىم يىل بېشىدا،
ئېھتىمال،سورىغىنىم كونا خامان،
ياشىسۇن ھەركىم بولسا دەيمىز،لېكىن،
ئەڭ ئاۋۋال ئەجىرىلىكلەر بولسۇن ئامان!

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ