بۇلبۇل بلوگى

0

يىغلىما

238

ئىچ -ئىچىڭدىن ئۆرلىتىپ ئاھ، ئەي قەلەمقاش يىغلىما،
كۆزلىرىڭدىن مۇنچىلىك كۆپ ئاققۇزۇپ ياش يىغلىما.

يىغىدىن ئادەم تەسەللا تاپسا مەيلى يىغلىساڭ،
لېكىن ھەرگىز كۆز يېشى بولماس يۆلەكداش، يىغلىما.

شۇ يىگىت گۈل بەردى دەپ سەن ئالدىراپ كۈلگەن ئىدىڭ،
كۈلمىسۇن خەق، ئەمدى نامەرت ئاتتى دەپ تاش يىغلىما.

تىل بىلەن دىلنى ھەمىشە بىر تۇتاش دەپ ئويلىدىڭ،
ھەممىنىڭلا تىل – دىلى بولمايدۇ ئوخشاش، يىغلىما.

يارىشىملىق خۇي دىدىڭ يىگىتكە بەڭۋاشلىقنى سەن،
سېنى يىغلاتقانغا خۇش ئۇ كەسپىي بەڭۋاش، يىغلىما.

پەس ھەۋەس – ئالىجاناپلىق ئوت بىلەن سۇدۇر گويا،
بولمىغانغا بۇ ئىككەيلەن بىر نىشانداش يىغلىما.

كۆك چىمەن دەپ يۈگرىدىڭ يالاڭ ئاياق، سايدا تىكەن،
يىڭنە سانجىپ ئالغىچە بەر ئەمدى بەرداش، يىغلىما.

بايقىغىن، كۆپتۇر مۇھەببەت كوچىسىنىڭ ئوي – دۆڭى،
ئەمدى بولغاي ئىبرىتىڭ باشلامچى يولداش، يىغلىما.

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ