بۇلبۇل بلوگى

0

يىگانە ئادەم

212

مىسلى قوياش چۆمگەن ئويلاردەك
ياتار مەندە تەنھا بىر ئادەم…
ئەسلىمىلەر يوقلىغان بولسا
كىرپىك قاقماي چىققانسەن كۈلۈپ
ياكى تەنھا مۇڭلارئىچىدە
ئاپاڭ تىكىپ بەرگەن يوتقاندا
جمجىتقىنا قالغانسەن ئۆلۈپ…

 

كەلمىسەكمۇ بۇ يەرگە قايتا
ياتار ئىدىڭ ئۆيۈڭدە غەمسىز
مەن چۈشەندىم سېنىڭ دىلىڭنى
سەن ھىجرانغا باغلاپ بېلىڭنى
روھ چۆلىگە يول ئاپتىكەنسەن
ئەل چىمەننى خىيال قىلغۇچە
سەن گۈللەرنى ئېپ كەپتىكەنسەن…
مەجنۇن بولۇپ يېرىلساق چاك-چاك
سەن لەيلىنى دوراپتىكەنسەن…

 

كوچىلارنى ئايلانغۇم كەلدى
چىن سۆزلەرنى قىلىپ سەن بىلەن
مەيخانىلار ياتار ھالسىراپ
ئەقىل بولماس ئۇيەردە تىرەن…

 

كوچىلارنى ئايلانغۇم كەلدى
سەنسىز ياپراق تۆكمەكتە ئېرەن…

 

كوچىلارنى ئايلاندىم سەنسىز
بەلكىم ياتقانسەن مەشۇغۇڭ بىلەن
بەلكىم تۇغۇلمىغان بالىلىرىڭ
ئويغاتماقچى بولغاندۇ سېنى
تۇغۇلمىغان ئانىسى بىلەن…

 

جىمجىت كەتمە جىمجىت ئازاپتەك
سەھەر ئۆلۇم خەۋىرىڭ بولسا كۆتۈرۈلسۇن
قوياشتەك ئوغلۇڭ ئاي بولسا ئاي يۈزلۈك ئايالىڭ يۇلتۇز بولسۇن
ئوماق قىزلىرىڭ…

 
ئۆلۈم جىنازا نامىزى
ئۆلۈم بىلەن ئاۋات قەبرىستان…
ياق!دوستۇم،ياق… ئۆزۈڭ تېخى بالا ئەمەسمۇ
شەكىل ئۆزگەرتكەن ئىمىزگە بىلەن بەزلەۋاتقان ئۇزۇن تۈنلەرنى
تاش قاتمىدەك تال چىۋىق بىلەن بېسىۋاتقان ئۇزاق يوللارنى… دەرىخا!

 

بەلكىم جىمجىت قالغانسەن ئۆلۈپ
ئاپاڭ تىكىپ بەرگەن يوتقاندا
جىنازاڭ ئالدىدا يىغلار تەنھالىق
قوياش كۈلۈپ تاڭلار ئاتقاندا
سۈكۈت ئىچرە ئىڭرايدۇ زىمىن
دۇستۇڭ يىغلاپ قوشاق قاتقاندا
جىنازىمىز ئۇچار بىر كۈنى
قوياش كۈلۈپ تاڭلار ئاتقاندا…

 

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ