بۇلبۇل بلوگى

0

يېتەر، ئەي چەرخ

232

يېتەر، ئەي چەرخ، بۇ ھىجراندا مېنى يىغلاتما ئارتۇقچە،

كېرەكتۇر يارغا كۆز ياشىم، ئۇنى خوراتما ئارتۇچە.

مۇھەببەت مەنزىلى قاتتىق ئىكەن، تاشلىق داۋانى كۆپ،

يىقىلدىم پۇتلىشىپ قانچە، يېتەر، غۇلاتما ئارتۇقچە.

تاپالماي ۋەسلىگە يولنى، ئاداشتىم چۆلدە مەجنۇندەك،

چۆلىستان ئىچرە سەراپقا مېنى ئالداتما ئارتۇقچە.

گۇناھىم سۆيگۈدىن ئۆزگە نېمىدۇر بىلمىدىم ئەسلا،

يۈسۈپتەك خارۇزار ئەيلەپ، قۇلۇم دەپ ساتما ئارتۇقچە.

جاھاننى باستى پەريادىم، ماڭا بۇلبۇلمۇ ھەيراندۇر،

ئوقۇپ سەن گۈلگە ئەپسۇنلار، ئۇنى ئۇخلاتما ئارتۇقچە.

تېشىپ باغرىمنى قان قىلدى جۇدالىق ئوقلىرى كۆپتىن،

يېتەر بۇ زۇلمۇ بىداتلىق، يەنە ئوق ئاتما ئارتۇقچە.

تونۇردەك يانىمسا قەلبىم، بولۇرمۇ ئاھلىرىم يالقۇن،

يەنە كۆيدۈرگىلى، ئەي چەرخ، يېتەر، ئوت ياقما ئارتۇقچە.

1948-يىلى 5-سېنتەبىر، ئۈرۈمچى

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ