بۇلبۇل بلوگى

0

يېرىم چۈش

243

بىلىمەن ئۇلار ئۇخلاپ ئويغىنىپ بولدى

چۈش كۆرگەن- كۆرمىگەنلىكى ئېنىق ئەمەس

لېكىن ئۇلار قاراپ تۇرىدۇ

كۆزلىرىدە كونا بىر ھەۋەس،

مەن بىر قېتىممۇ ئۇخلىمىدىم

چۈش كۆردۈم بىرسى – بىرسىدىن چىرايلىق،

بىر چۈش مېنى سىيپاپ ئۆتتى

ئىككىلىنىپ تۇرغان ئۇيقۇم

بىر قارارغا كەلدى ئۇشتۇمتۇت،

بىر چۈش مېنىڭ يېنىمدا ئولتۇردى

گۈللەرنىڭ قېنى بىلەن بۇيالغان قۇلۇمنى تۇتۇپ،

يەنە بىر چۈش پارچە – پارچە

يەنە بىر چۈشنىڭ چىرايى قىيپاچ

يەنە بىر چۈشنىڭ ھېكايىسىدە

يەنە بىر چۈش يۈرەر يالىڭاچ…

 

ئۇخلاپ ئويغىنىپ بولغانلار بىلەن

ئىككىمىزگە قاراپ تۇرغانلار بىلەن

ئۇچرىشىمەن شۇنچە يىراقتا،

ئۇلار مەندىن سۇرايدۇ كۈننى

كۆرسىتىمەن مەن يېرىم تۈننى

قارا يىرى مېنىڭكى دەيمەن،

سېنىڭ دېيىش ئۈچۈن

ئاق يىرىنى ئىزدەيمەن.

 

ئەمدى مەن ئۇخلىسام

كۆڭلۈم يېرىم بولىدۇ

يەنە مەن ئۇخلىمىسام

ئوخشاشلا كۆڭلۈم يېرىم بولىدۇ،

ئاشۇ يېرىم يىرىدە كۆڭلۈمنىڭ

سەرگەردان بولۇپ يۈرەر چۈشلىرىم…

 

 

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ