بۇلبۇل بلوگى

0

يەپتۇدەك

207

ئۆرۆلسىمۇ يەپتۇدەك ،چۆرۈلسىمۇ يەپتۇدەك ،
تالاي تەنقىد تەنبىھلەر بېرىلسىمۇ يەپتۇدەك .
يەپ ئۈگەنگەن دەيۈزلەر تارتمايدىكەن ئۆزىنى ،
يىقىنلىرى <<يىمە>>دەپ يىلىنسىمۇ يەپتۇدەك .
.
ئالىدىكەن يالغاندىن قۇبۇل قىلىپ پىكىرنى ،
ئالدىكەن ئۆزىدەك چاشقانلاردىن ئۇچۇرنى .
ئۈگىنپتۇ قوشۇپ يەپ قانائەتنى ،شۈكۈرنى ،
ھىسابىدا ئارتۇق كەم كۆرىلسىمۇ يەپتۇدەك .
.
شىرىنكانە بىرىدىن ،تامغا ھەققى بىرىدىن ،
جايلايدىكەن قوروقماستىن ئېپى كەلگەن يېرىدىن .
ئۇنداقلارنىڭ خوش ئىكەن خوتونلىرى ئېرىدىن ،
خوتونلىرى چاندۇرۇپ كېرىلسىمۇ يەپتۇدەك .
.
يىلدا خوتون يەڭگۈشلەپ يۈرگەنلەرمۇ شۇلاركەن ،
دۇنيا ئۈچۈن پۇل ئۈچۈن ئۆلگەنلەرمۇ شۇلاركەن .
نەدە تاۋكا شۇيەردە ئۈنگەنلەرمۇ شۇلاركەن ،
نەچچە ئۆلۆپ تاۋكادا ،تىرىلسىمۇ يەپتۇدەك .
.
نەچچە يەردە ئۆتى بار ،ياخشى يەردە داچىسى ،
بىر ئاشنىسى سىڭىلمىش ،بىر ئاشنىسى ئاچىسى .
خەجلەيدىغان پۇلىنىڭ يۈز كوي ئىكەن پاچىسى ،
تۇغقانلىرى تەشۋىشتە <بەس> دىسىمۇ يەپتۇدەك .
.
يىگەنلەرنىڭ يالغاندۇر <خۇدا بەردى > دىگىنى ،
ۋىجدان بىلەن ئىنساپ يوق سۈرۈشتۈرسەك تىگىنى .
يەتمىگەندەك ۋاي تىخى ،ياشلىقىدا يىگىنى ،
بەزىلىرى ئۇلارنىڭ قېرىسىمۇ يەپتۇدەك .
.
بىر سەتەڭگە بۇزۇلۇپ ئاخىر رەسۋا بولغاندەك ،
كۈندە سۇنماس كوزىلار ئاخىر بىر كۈن سۇنغاندەك .
گاھى چاغدا كۆڭلى غەش خۇددى پوق يەپ قويغاندەك .
تاغدەك تەشۋىش ئۆزىنى قىينىسىمۇ يەپتۇدەك .
.
ئۆلەمدىكىن ئەمەلدار زادى پارا يىمىسە ،
قىلامدىكىن خىيانەت ياكى يولدىن تىنىسە .
يا بەخىتلىك بولمامدۇ بىر ئۆزىنى دىمىسە ،
ۋە لىكىن ئۇ باشقىلار يېمىسىمۇ يەپتۇدەك .
.
شۇلار بۇزماي كىم بۇزدى بىزدە تۈزۈم ئەخلاقنى ،
ئېچىپ بەردى شەيتانغا ئىشىك بىلەن قاپقاقنى .
باشلاپ بەردى ئاشۇلار باغدىن غورا قاقماقنى ،
ئەل ئۇلارنى ھەر كۈنى تىللىسىمۇ يەپتۇدەك .
.
ھۆركىرەتكەن بۇقىنى ھېلىقى ئىككى نىمىسى ،
بۇقىمىكىن بىلمىدۇق بەزىلەرنىڭ جىنىسى .
كۈنلۈك قىلار ھوقوقنى پارىخورىنڭ ھىيلىسى ،
كۈندە سىگىنلار ئۇلارغا چېلىنسىمۇ يەپتۇدەك .
.
نەپسى ئۈچۈن تۇتقاچقا ئۇلار ئەسلى ئەمەلنى ،
چىقارماق بار يىگەننى ،بېرىش كىرەك بەدەلنى .
تەس كەلگەندە چىقارماق قانون قىلىدى ھەمەلنى ،
كۈندە سىگىنال ئۇلارغا چېلىنسىمۇ يەپتۇدەك .
.
ئىچ ئاغرىتماڭ ئۇلارغا قانون سوتقا تاتقاندا ،
تۈلكە چۈشەر ئاخىرى قۇۋ بولسىمۇ قاپقانغا .
ھەيران بولماڭ ھەر قىتىم بىر -ئىككنى ئاتقانغا ،
ھەر ئامبارغا ئون قۇلۇپ سېلىنسىمۇ يەپتۇدەك .

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ