بۇلبۇل بلوگى

0

يازغان خەتلىرىڭ

229

قىزىل گۈل پۇرايدۇ يازغان خەتلىرىڭ،
سەن،گۈلۈم ،خېتىڭنى باغدا يازغانمۇ؟
تاڭ سەھەر بۇلبۇلدەك تەلمۈرۈپ ياكى،
قىزىل گۈل ئېچىلغان چاغدا يازغانمۇ؟

قىزىل گۈل پۇرايدۇ يازغان خەتلىرىڭ،
قولۇڭدا قىزىل گۈل بارمىدى ياكى؟
كەلمەستىن شۇنداق خەت يېزىپ تۇرساڭمۇ؟
بىر سېنى كۈتەرمەن ئۆلگىچە تاكى.
قىزىل گۈل پۇرايدۇ يازغان خەتلىرىڭ،
ئايلىنىپ كەتتڭمۇ ياكى سەن گۈلگە؟
يېزىپ تۇر،دىلبىرىم،مۇھەببەت ئۈچۈن،
خەتلىرىڭ نەمۇنە،خەتلىرىڭ ئۈلگە.

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ