بۇلبۇل بلوگى

0

ياخشى

207

تىرىكتاپ قاغا -قۇزغۇنغا جاھانسازلىق ھاۋا ياخشى ،

سەھەر گۈلشەنىدە بۇلبۇلغا ياقا يىرتىپ ناۋا ياخشى .

كېرەكمەس يالتىراق شۆھرەت بىلەن مەستانە غاپىللار ،

ۋەتەننىڭ دەردىگە دەرمان جاپاكەش ئاشىنا ياخشى .

تېگىشمەس جەندىنى ئاشىق ياقاسى زەر تاۋار تونغا ،

كى دىلبەر ۋەسلىدە سەرسان قەلەندەرگە كۇلا ياخشى .

قەسەم بىللا تەمەيىم يوق با ھەيۋەت قەسىرى زىننەتتىن ،

پىشانەم تەرىدىن پۈتكەن بىمىننەت بورىيا ياخشى .

مېنىڭ تاجسىز ساياق باشىم ئۆزۈمگە تاجۇ دۆلەتتۇر ،

ئېرىكسىز پادىشالىقتىن جاھانگەشتى گادا ياخشى .

نە ھاجەت جەننەتۇل مەئۋا ،ۋەتەننىڭ قوينى بىر جەننەت ،

بېلىق دەريادا ئەركىندۇر ،لىچىنغا كەڭ ساما ياخشى .

مەلامەت يەتسىمۇ بەزەن دىلىمغا ئۆز دىيارىمدا ،

بوسۇقتىن دالجىماس ئىتتەك ماڭا ھەمدۇ ۋاپا ياخشى .

1979-يىلى 3-سېنتەبىر

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ