بۇلبۇل بلوگى

0

ياخشى نامىڭ

154
بىر كۈنى ئۆلمەك باردۇر تىرىك جانغا،
باقمايدۇ مەيلى پۇقرا، مەيلى خانغا.
بىرلىرى بالدۇر كېتەر، بىرى كېيىن،
باقمايدۇ تەقدىر دېگەن يىغلىغانغا.
غەنىيمەت شۇڭا ھەر كۈن ھەركىم ئۈچۈن،
ھەر كۈنى بولۇپ تۇرسۇن نېنىڭ پۈتۈن.
كىم سېنى ئۆتتى، دەيدۇ، ياخشى ياشاپ،
چىقمىسا تۇرخۇنۇڭدىن كۈندە تۈتۈن؟!
ئاسقاندەك قوڭغۇراقلار مەپەڭگىمۇ،
خۇشاللىق كۆتۈرپ ئۆت ئەتەڭگىمۇ.
كېرەكتۇر بۇ دۇنياغا ياخشى نامىڭ،
قىلمايدۇ سەندىن ئۈمىد بىر تەڭگىمۇ.

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ