بۇلبۇل بلوگى

0

ياخشى بولساڭ

197

تىلاۋەتكە ھەقلىقمىز،ھەقمىز،
ھەركىم ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەشكە.
تىلەكتىمۇ تىلەك بار،بىراق،
ئامراق ئەمەس بىزلەر كۆمەچكە.
ياخشى ئۆمۈر ياخشى كۈنلەردۇر،
كۆڭۈللەرنىڭ ئىزدەپ يۈرگىنى.
ئەزىزلىكتۇر ئادەملەردىكى،
بىر-بىرىنى“سىز ”دەپ يۈرگىنى.
قەدىرلەنمەك قەددىڭ سۇلغاندا،
ياخشى ئۆتكەن ئۆمرۈڭدىن دېرەك.
ئۇھ تارتمىغىن ئارقاڭغا قاراپ،
بولدى بالاڭ سەندىنمۇ زېرەك.
پۇرىقى بار ئەلگە ئىپاردەك،
ئىزلىرىدا گۈلى بارلارنىڭ.
سەۋەبىمۇ ئاۋۋال ئۆزىدە،
ئۆز ئېلىدە خارۇ زارلارنىڭ.
ئاسمان ئەمەس ياخشى ياشىماق،
ئېرىشمەك ھەم ياخشى ئاتاققا.
ئوخشىغۇم يوق مېنىڭمۇ ھەرگىز،
بۇلبۇل ئۇۋا سالمىغان باغقا.
ياخشىلارغا خۇشتار بۇ جاھان،
ئاڭا يەنە شادلىق تىلەيدۇ.
گۈل بېشىنى ئايلىنىپ ئامەت،
تۈندە بەخىت بىللە تۈنەيدۇ.
ياشىغانچە ياشنىغۇڭ كېلۇر،
كېچەلمەستىن شۇنداق ئۆمۈردىن.
ياخشى بولساڭ،خەلقىڭ يۈرىكى،
چۈشۈرمەيدۇ ياد ئېتىپ تۆردىن.
بۇ دۇنياغا بىر كەلدۇق،دوستلار،
گاھ ساھىبخان،گاھ بولۇپ مېھمان.
ئەل قاقشىغان دۆلىتى شاھتىن،
دېھقان ياخشى ھالال ياشنىغان.

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ