بۇلبۇل بلوگى

0

ياخشى

210

تىرىكتاپ قاغا-قۇزغۇنغا جاھانسىزلىق، ھاۋا ياخشى،

سەھەر گۈلشەندە بۇلبۇلغا ياقا يىرتىپ ناۋا ياخشى.

كېرەكمەس يالتىراق شۆھرەت بىلەن مەستانە غاپىللار،

ۋەتەننىڭ دەردىگە دەرمان جاپاكەش ئاشنا ياخشى.

تېگىشمەس جەندىنى ئاشىق ياقاسى زەر تاۋار تونغان،

كى دىلبەر ۋەسلىدە سەرسان قەلەندەرگە گۇلا ياخشى.

قەسەم بىللا، تەمەيىم يوق بەھەيۋەت قەسرۇ زىننەتتىن،

پېشانەم تەرىدىن پۈتكەن بىمىنننەت بورىيا ياخشى.

مېنىڭ تاجىسىز ساياق باشىم ئۆزۈمگە تاجى دۆلەتتۇر،

ئەركسىز پادىشاھلىقتىن جاھانكەشتى گادا ياخشى.

نەھاجەت جەننەتۇل-مەئۋا، ۋەتەننىڭ قوينى بىر جەننەت،

بېلىق دەريادا ئەركىندۇر، لاچىنغا كەڭ ساما ياخشى.

مالامەت يەتسىمۇ بەزەن دىلىمغا ئۆز دىيارىمدا،

بوسۇقتىن دالجىماس ئىتتەك ماڭا ئەھدۇ ۋاپا ياخشى.

1979-يىل 3-سېنتەبىر، ئۈرۈمچى

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ