بۇلبۇل بلوگى

0

ياۋا غاز

372

ياخشى بولۇشقا مەجبۇر ئەمەسسەن.

تىزىڭدا ماڭمىساڭمۇ بولىدۇ

نەچچە يۈز چاقىرىم چۆلنى كېسىپ، تۆۋە قىلىپ.

پەقەت تېنىڭدىكى يۇمشاق ھايۋان

نېمىنى سۆيسە ئۇنى سۆيگىلى قويساڭلا بولىدۇ.

ئۈمىتسىزلىك ھەققىدىكى ئويۇڭنى سۆزلەپ بەر، مەنمۇ مېنىڭكىنى سۆزلەپ بېرەي.

بۇ چاغدا دۇنيا داۋام قىلىۋېرىدۇ.

بۇ چاغدا قۇياش ۋە يامغۇرنىڭ سۈزۈك خرۇستاللىرى

تەبىئەتنى كېسىپ ئۆتۈپ،

كۆز يەتكۈسىز يايلاقلار ۋە پايانسىز ئورمانلارنىڭ،

تاغلار ۋە دەريالارنىڭ ئۈستىدە كېزىۋېرىدۇ.

بۇ چاغدا ياۋا غازلار ئېگىز كۆك ئاسماندا،

ئۆيلىرىگە يەنە قايتىۋېرىدۇ.

مەيلى سەن كىم بول، قانچىلىك تەنھا بول،

دۇنيا تەسەۋۇرۇڭغا ئۆزىنى  ئىلتىپات قىلىدۇ،

ياۋا غازلاردەك،  مۇدھىش ۋە ھاياجانلانغان ھالدا ساڭا خىتاب قىلىپ،

مەۋجۇدىيەت ئائىلىسىدىكى

سېنىڭ ئورنۇڭنى قايتا-قايتا جاكارلاۋېرىدۇ.

 

* * * * * * *

ئاپتور: مارى ئولىۋېر

ئىنگلىزچىدىن ئەنۋەر ھامىت تەرجىمىسى

* * * * * * *

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ