بۇلبۇل بلوگى

0

ياتلاشتۇق

191

يامان كۈنلەردە تۇققانتۇق، روناق تاپقاندا ياتلاشتۇق،
پالاستىن تەستە ئايرىلساق، كىگىز باسقاندا ياتلاشتۇق.
سارايلار بۇزدىمۇ بىزنى،گىلەم ئاسقاندا ياتلاشتۇق،
تامام ئونتۇلدى ھەم زاغرا، توقاچ ياققاندا ياتلاشتۇق.
ئۇچۇپ چىقتۇق دېسەڭ كۆككە، قانات قاققاندا ياتلاشتۇق
تىزىق مۇنچاق ئىدۇق بىزلەر ئانام بويىدىكى گويا،
سۈزۈك ئالما ئىدۇق بەش تال، ئاتام قوينىدىكى گويا.
ئۇچار قۇشلار ئىدۇق ھەمدە ئاشۇ ھويلىدىكى گويا،
تۈگەل لەغمەن ئىدۇق ياكى كۆمۈش چويلىدكى گويا،
بىراق، بىزنى جاھان ھەريان ئۈزۈپ تارتقاندا ياتلاشتۇق.
ئوتۇن تەرگەن ئېدۇق بىر چاغ يۈرۈپ جاڭگالدىمۇ بىللە،
بوران چىقسا ماكان ئەتكەن ئىدۇق ئازگالنىمۇ بىللە.
ئېكىن ئەكتۇق چېپىپ كەتمەن، چىقىپ داڭگالغىمۇ بىللە،
باراتتا بىللە بولغانتۇق، ئېيتىپ رامزانغىمۇ بىللە ،
چىرايلىق ئۆي تۇتۇپ ئەمدى، ئوتۇن يارغاندا ياتلاشتۇق.
ئانام كەتتى بىرەر ئۆيدە تۈزۈك تۆت كۈن تۇرالماستىنن،
ئىلندى تاختىغا نانلار، ئازاپلاردىن سورالماستىن،
دادامغا مەنمۇ كەتكۈزدۈم بىرەر ئوغلاق سويالماستىن.
مىراس ماجراسىغا چۈشتۇق تېخى قىلچە ئۇيالماستىن،
شۇلار ھەسرەت بىلەن نىمجان تىنىپ ياتقاندا ياتلاشتۇق.
زۆرۈر بولسا، مالاي قىلدۇق-شۇلارغا نەۋرە باققۇزدۇق،
كىلنلەر چاچ سوقۇپ يۈردى، شۇلارغا ناننى ياققۇزدى.
تىزەك ياققاننى ئاز كۆرۈپ، شۇلارغا ئۆچكە ساققۇزدۇق.
تېخى غالۋارىدۇق بەزەن، جاھاندا يوقنى تاپقۇزدۇق.
باقار چاغدا باھانە كۆپ، بەدەر قاچقاندا ياتلاشتۇق.

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ