بۇلبۇل بلوگى

0

ياستۇق

491

ياستۇق دېدى:

ئۇزۇن بىر كۈننىڭ ئاخىرىدا

مەنلا بىلىمەن

يۈرىكى توق ئەرنىڭ دىشۋارچىلىقىنى،

مۇناخنىڭ تەشنالىقىنى،

زومىگەرنىڭ كىرپىكىدىكى غىل-پال تىترەشنى،

پوپنىڭ شاللاقلىقىنى،

روھنىڭ ئۇچۇپ يۈرگەن ئۇچقۇنلار

پارقىراق كۆمۈرگە ئايلىنىدىغان ئىللىق بىر تەنگە

بولغان تەقەززالىقىنى.

مەنلا بىلىمەن

ئۇششاق ئىشلاردىكى ئۇلۇغلۇقنى؛

مەنلا بىلىمەن مەغلۇپ بولغۇچىنىڭ غورۇرىنى،

غالىپ كەلگۈچىنىڭ تەنھالىقىنى

ۋە بىر ئىستەك كاپالەتكە ئېرىشكەندە

ھېس قىلىنىدىغان ئاشۇ كالۋا سوغۇقچىلىقنى.

 

* * * * * * *

ئاپتور: مۇرىد بارغۇتى(پەلەستىن)

ئىنگلىزچىدىن ئەنۋەر ھامىت تەرجىمىسى

* * * * * * *

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ