بۇلبۇل بلوگى

0

ياشناۋەر سۆيۈملۈك بوغدا

210

(شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىغا سوۋغات)

ئۆتۈپ كەتتى سانسىز يىللار غۇرۇلداپ،

تۇرۇۋەردىڭ مەغرۇر، قەددىڭ كۆتۈرۈپ.

قاۋاندەك قۇترىغان جۇدۇنمۇ كەتتى،

ياشناۋەردى سەندە قارىغاي كۆكۈرۈپ.

ھەر باقسام مەن سېنىڭ ئاپئاق بېشىڭغا،

دېڭىزدەك چايقىلار خىيالىم شۇئان.

ئوخشايسەن ئېچىقلىق تۇرغان كىتابقا،

ئوقۇسا-ئوقۇسا تۈگىمەيدىغان.

نېمە بۇ، تارىخمۇ ياكى پەندنامە،

ۋە ياكى ئەجدادلار قويغان مەڭگۈ تاش؟

ھەرنېمە دېيىشكە ئەرزىيىدۇ سېنى،

چۈنكى سەن ئەل بىلەن دىلداش، تەقدىرداش.

گاھ سېنى ئوخشاتتىم بىر ئاق لېچەككە،

مومامنىڭ لېچىكى شۇنداق ئاق ئىدى؛

سۈت كۆرسەم، شۇ زامان ئەسلەيمەن سېنى.

ۋەلېكىن بېشىڭنىڭ ئاقارغانلىقى

بۇ ھەرگىز قېرىلىق نىشانى ئەمەس.

بۇ بەلكى ئۇلۇغلۇق،پاكلىق، قەدىملىك،

نامىڭغا يارىشا مۇقەددەسلىك،بەس!

ئاسماننىڭ بەلبېغى شۇ سامانيولى،

ساناقسىز يۇلتۇزلار، ئاي يۈزىمۇ ئاق.

ئىنساننىڭ تەپەككۇر دۇردانىلىرى

پۈتۈلگەن كىتابنىڭ قەغىزىمۇ ئاق.

بىپايان قىرلاردا رامبۇل قويلىرى،

بېلىنى چىڭ باغلاپ ئورمىغا چۈشكەن

ئۇيغۇر يىگىتىنىڭ شاپىقىمۇ ئاق.

بەرىكەت بېغىنىڭ باغۋىنى دېھقان،

قوغۇنچى بوۋاينىڭ يەكتىكىمۇ ئاق.

ھەتتاكى، قىز تويى قۇتلۇق كېلىننىڭ،

پاك نىكاھ لىباسى-كۆڭلىكىمۇ ئاق.

ياشناۋەر، سەن مەڭگۈ، سۆيۈملۈك بوغدا،

سەن تېخى نەۋقىران يىگىتسەن بۈگۈن.

بەختىڭگە كېپىلدۇر مىليونلىغان ئەل،

ئالەمچە مۇھەببەت ساڭا بار پۈتۈن.

1985-يىل 20-سېنتەبىر، ئۈرۈمچى

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ