بۇلبۇل بلوگى

0

ياشلىق

200

ياشلىق چېغىم-گۈل بېغىم،

قەدرى ئۇلۇغ بىر چېغىم.

ھەيۋىتىم ھەم سۆلىتىم،

ھەم يۆلەنچىم، زور تېغىم.

ياشلىق، تىرىش زامان شۇ،

بىلمەك-قۇتلۇق نىشان شۇ.

بىلىم تاپماي قۇتۇلۇش

ھېچبولمىغان خىيال ئۇ.

بىلمەكنىڭ چېغى ياشلىق،

ئىلھامنىڭ بېغى ياشلىق.

ھاياتىڭ بىر قاچا سۈت،

قايمىقى، يېغى ياشلىق.

بىلمەك – ئەرنىڭ زور ئىشى،

پەرق قىلىنماس ئەر تېشى.

ھېچكىم سېنى يەكلىمەس،

بىلىك يۇرتى ئۆركىشى.

بىلەي دېسەڭ، بىلىك كۆپ،

ھاياتىڭدا بىتىك كۆپ.

ئەگەر غەيرەت قىلمىساڭ،

بىر ھەرپمۇ بىلىك يوق…

”ئۇزغان ئۆمۈر-ئاتقان ئوق“،

ياشلىق كېتىپ قايتقان يوق.

پەيغەمبەرمۇ، سۇلتانمۇ

تاغدەك ئۆمۈر تاپقان يوق.

قۇياش پاتسا مەغرىبتىن،

تۇغۇر ئەتە مەشرىقتىن.

ياشلىق كېتىپ بىر يولى،

قايمىغان ھېچ تارىختىن.

كۆكلەم كېتىپ كەلگەن بار،

جانان ئىستەپ سۆيگەن بار.

كەتكەچ ياشلىق ئارقىدىن

كىم قوغلىشىپ يەتكەن بار؟

كۈزدە غازاڭ بولغان گۈل

كۆكلەمدە قۇچار بۇلبۇل.

ئارچا ياغىچى كۆيسە،

كۈل قالارىن ئوبدان بىل.

”قۇتادغۇ“نى پۈتكەن ”خاس“،

بىلىكتىن تاپتى ئاساس.

بىلىكتىن مەھرۇم كىشى

ئوچۇق كوردۇر ھەمدە گاس.

ئۆگەن ياشلىق، چېلىشقىن،

بىلىك تېغىغا ياماشقىن.

بىر يىقىلساڭ، بىر قوپۇپ،

ھاياتقا كەڭ يول ئاچقىن!

1947-يىل 2-ئۆكتەبىر، ئۈرۈمچى

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ