بۇلبۇل بلوگى

0

ياشىسۇن

254

يۆلەكسىزنى يۆلىگەنلەر ياشىسۇن!

يۆگەكسىزنى يۆگىگەنلەر ياشىسۇن!

ئۆزى ئالماي، يامبۇ ياغسا ئاسماندىن،

ئەلگە يامغۇر تىلىگەنلەر ياشىسۇن.

سۇغارغاندەك سايە بەرگەن چىنارنى،

ئاتا ئەجرىن تۆلىگەنلەر ياشىسۇن!

ئېتى ھارسا ئۆزى چۈشكەن ھارۋىنىڭ،

ئۆزى ئات بوپ سۆرىگەنلەر ياشىسۇن.

‹چاۋاك چالماڭ› بىزدەك شائىر تۈمەن مىڭ،

ئادالەتنى كۈيلىگەنلەر ياشىسۇن!

قايدا يېتىپ، قايدا قوپسا، ۋەتەندىن

ئۆزگە خىيال سۈرمىگەنلەر ياشىسۇن!

ئۆزگىلەرنىڭ بەختى ئۈچۈن دەرد تارتىپ،

ئۆزى راھەت كۆرمىگەنلەر ياشىسۇن!

يوقسۇزلۇقتا ئوتى ئۆچكەن يالغۇزنىڭ،

ئوچىقىنى پۈۋلىگەنلار ياشىسۇن!

ھالىدىن كەتكەن غېرىبلارنىڭ بېشىدا،

چىراغ يېقىپ تۈنىگەنلار ياشىسۇن!

پەرىشتىدىن شەيتان تولا بەزىدە!

ئېزىتقۇغا كۆنمىگەنلەر ياشىسۇن!

سىنىقىدا تۈمەن تۈرلۈك سۆيگۈنىڭ،

ئاۋۋال پۇلنى سۆيمىگەنلەر ياشىسۇن!

مال-دۇنيانىڭ پىراقىدا كۈل بولۇپ،

شۇ ئوت-چوغدا كۆيمىگەنلەر ياشىسۇن!

تەزىم قىلغىن بىلگەنلەرگە قەدرىڭنى،
ئەمگىكىڭنى كۆممىگەنلەر ياشىسۇن!
ئۇنتۇلمىسۇن ئارمان بىلەن كەتكەنلەر،
ئۈمىدلىرى ئۆلمىگەنلەر ياشىسۇن!

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ