بۇلبۇل بلوگى

0

ياشايلى

165
تىل تەگكۈدەك بولۇپ ياشايلى،
كۆز تەگكۈدەك بولۇپ ياشايلى.
گەپ-سۆزلىرى ياز يامغۇرىدەك،
ياخشىلارغا تۇمار ئاسايلى.
قەدىرلەنگەچ كېچەيۇكۈندۈز،
ئەلگە بۇغداي بەرگەن دالا-تۈز،
ياخشىلاردىن بولالمىساقمۇ،
بوپقالمايلى ئەسلا قارا يۈز.
تىل تەگكۈدەك بولۇپ ياشايلى،
كۆز تەگكۈدەك بولۇپ ياشايلى.
ئۆز رىزقىنى شەيتاندىن كۈتكەن،
نەپسىمىزنى دارغا ئاسايلى!
شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ