بۇلبۇل بلوگى

0

يارىلىش

282
تۇنجى خىتابىدا ئادەم ئاتىنىڭ ،
يانغان ئەلەم بولۇپ بىزنىڭ تىلىمىز،
يارالمىش قىسسىسى پۈتۈلگەن چاغدا ،
تەۋرىگەن قەلەم بۇلۇپ بىزنىڭ تىنىمىز.

پەلەكنىڭ يۇلتۇزلۇق تىنىق باغرىدىن ،
تامچىلاپ تۆكۈلگەن سىرلىق قەترىمىز،
زىمىنغا ھاياتلىق بولغاندا ئەمىر ،
مەڭگۈلۈك ياشاشقا تۈزگەن ئەھدە بىز.

تاڭلارنىڭ كەينىدىن يانغان سۈبھىنىڭ ،
ھۆسنىدىن بالقىغان ئانا تىلىمىز،
قۇياشقا يۈكسىلىپ سىڭگەن ئوغۇزنىڭ ،
كۆزى بولۇپ چاقنىغان ئانا تىلىمىز.

ھېكمەتكە ئايلىنار مىڭ بىر لەھزىدە ،
توپاندەك ياڭرىغان قىسمەتلىرىمز،
ھەقىقەت كەپتىرى ئۇچقان كۈنىدە ،
زەيتۇنغا ئايلىنار خىسلەتلىرىمىز.

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ