بۇلبۇل بلوگى

0

ياڭرات ۋەتەن مۇقامىنى

191

ئەي سازىم، سازلان بۈگۈن، سازلان يەنە سەن ياخشىراق،

تۇغسا چولپان، كۈلسە گۈلشەن، مەن نېچۈن ئېيتماي قوشاق!

ياق ئەنە كۈلمەكتە بوغدا، مەڭزىدە گۈل جىلۋىسى،

ھەر سەھەر ئالتۇن شەپەقتىن چېچىلىپ سانسىز باشاق.

تاڭ بىلەن چىللاپ گۈدۈك كەلگۈسىدىن ئېيتىسا خەۋەر،

خۇشلۇقۇڭ سىغماس تېنىڭگە، گېپىڭگە سالساڭ قۇلاق.

قوش ئۈنۈڭنى ئەل كۈيىگە، بول دېڭىزنىڭ تامچىسى،

شارقىراپ ئاققايمۇ دەريا، بولمىسا سانسىز بۇلاق.

خۇش بولار ئانا ۋەتەن، داۋان ئېشىپ ماڭغاندا ئەل،

سوڭغى نارنىڭ بوينىدا بولسام ئەگەر بىر قوڭغۇراق.

نەقەدەر زور بەخت ماڭا ئۇزۇن سەپەر مەنزىلىدە،

بىر قاتار مەشئەل ئارا بولالىسام بىر شام-چىراق.

كاشكى جان بىر باغ ئوتۇنغا ئەرزىسە ئارمان نېمە،

ۋەتىنىم گۈلخانىدا يانسام چاراسلاپ تا ئاداق.

ئەي سازىم، ئەۋجىڭ بىلەن ياڭرات ۋەتەن مۇقامىنى،

ئەمدى تەگمەس ئەل كۈيىنى كۈيلىسەڭ باشقا تاياق.

1979-يىل 10-نويابىر، ئۈرۈمچى

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ