بۇلبۇل بلوگى

0

يانغۇسى تاڭ مەشئىلى

206

قىلدى ئەپسۇن بۇ قارا تۈن يارنى كۆپ ئۇخلاتقىلى،

يوقمۇ تاڭ توخۇلىرى چىللاپ ئۇنى ئويغاتقىلى؟

تاڭ كەبى پارلاق يۈزىگە ئاشتى مۇشتاقلىق، نېتەي،

بۇ بۇلۇتنى قايتىدىن يوقمۇ بوران تارقاتقىلى؟

سۇمبۇلى رەيھان پۇراققا شۇنچە تەشنا بۇ دىماغ،

بىر سابا ئەسسە، نە بولغاي زۇلپىنى ئويناتقىلى؟

بىر كۈنۈمچە بولمىدى لوقمان ھېكىمنىڭ سەرۋىسى،

ئەمدى قانچە سەۋر قالدى ئىنتىزارلىق تارتقىلى؟

ۋادەرىخا، ئۈزدىمۇ يار ياكى مەندىن مېھرىنى،

يوقمۇ بىر سۆيگۈ دۇئاسى مېھرىنى قوزغاتقىلى؟

بولما، مىسكىن، نائۈمىد، تۈنمۇ تۈگەيدۇ بىر كۈنى،

يانغۇسى تاڭ مەشئىلى زۇلمەتكە ئوتلار ياققىلى؟

1970-يىل 12-ئىيۇل، ئۈرۈمچى

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ