بۇلبۇل بلوگى

0

يامغۇر

201

يامغۇر ياغماقتا

لوقۇلداپ ئاغرىۋاتقان بېشىمغا زۇلۇم بولماقتا

ئاۋازى زىختەك مېڭەمگە سانجىلماقتا

تۇيۇقسىز يامغۇرنى ئازات قىلىش خىيالىغا كېلىپ قالدىم

يامغۇرغا ئارتىلغان تۆھمەتلەر

يامغۇرغا تېڭىلغان مەنالار

يامغۇرنىڭ ئېگىسى يوق دەپ ھەر كىم خالىغانچە بەرگەن چۈشەندۈرۈشلەر

ۋايساشلار

ئاھ ئۇرۇشلار

گۈلدۈرمامىنى غەزەپ

چاقماقنى نەپرەت دەپ بۇرمىلاشلار

ئۇنى بەرىكەت دەپ تەسەللى تېپىشلار

يىغلاش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئۇششۇق خوتۇنلارنىڭمۇ

ئۆلۈگىنى ئارتىش ئۈچۈن باھانە قىلىۋېلىشلىرى

ئۇف،

بولدى بەس، يېتەر ئەمدى!

يامغۇرنى ئازات قىلىش كېرەك!

يامغۇر پەقەت يامغۇردۇر

ئۇنىڭغا ئارتۇقچە ئىزاھات نە كېرەك !

 

2015.6.28

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ