بۇلبۇل بلوگى

0

يالقىن غەزىلىگە مۇخەممەس

225

شۇڭقارىم قولدىن ئۇچۇپ بولدى نىھان، ئىستەر كۆڭۈل،

ئاختۇرۇپ ئالەم ئارا نامۇ نىشان ئىستەر كۆڭۈل،

بولمىغاچ ئۇندىن دېرەك، گەرچە ھامان ئىستەر كۆڭۈل،

كۆپ ئازاب چەكتى بۇ جان، ئارامى جان ئىستەر كۆڭۈل،

تار كۆرۈندى بۇ جاھان، ئۆزگە جاھان ئىستەر كۆڭۈل.

سوۋغىتىڭ شۇ بولدى، ئەي چەرخ، جاندىن ئۆتتى ئەلىمىڭ،

پۈتمىدى زۇلمۇ تەئەددىدىن بۆلەكنى قەلىمىڭ،

ئەلگە ئاپەت بولدى باسقان بۇ سېنىڭ ھەر قەدىمىڭ،

يار ۋە دوستلارنىڭ مازارىدىن ئىبارەت ئالىمىڭ،

ئەقرەبالار يانىدىن بىر ماكان ئىستەر كۆڭۈل.

تار قەپەس دەپ توختىماس بۇلبۇل پىغاندىن ھېچقاچان،

بەلكى مىڭ ئاشقاي پىغانى بولسا مەھكۇملۇق ئايان،

چۈنكى ھىجران قايغۇسى قويماس ئۇنى بىردەم ئامان،

گەرچە جىسمىم تۇتقۇن، ئەمما قەلبىم ئىسياندا ھامان،

قەلبنىمۇ زەبت ئەتكۈدەك ساھىبقىران ئىستەر كۆڭۈل.

ئىستىدىم مەن يازۇ قىش، ئىستىگىنىم بۇيرۇلمىدى،

چۆرگىلەپ تۇرغان بۇ چەرخ بەختمىگە بىر چۆرگۈلمىدى،

ئالدىدى بەلكى ھەمىشە، مەن تەرەپ ئۆرۈلمىدى،

مەن ئۈمىد قىلغان باھارۇ گۈل ۋە رەيھان شولمىدى،

تۆت بۇلۇت قەھرىڭنىكىم، ۋاقتى خازان ئستەر كۆڭلۈم.

نەدىدۇر ھېچ بىلمىدىم، كۆڭلۈمنى بەند قىلغان مەلەك،

ئىش بولۇرمۇ تاپمىسام ئۇندىن ئەقەللىي بىر دېرەك،

شۇ يوسۇن سولغايمۇ باغدا ھېچ ئېچىلماي گۈل-چېچەك،

كۆرمىشىم شۇ بولسا تەقدىردىن ھەمىشە، ئەي پەلەك،

بەس، تۈگەت دەۋرىڭنىكىم، ئاخىر زامان ئىستەر كۆڭۈل.

ياق، ئۈمىدسىز بولسا ئادەم، زاتى شەيتاندۇر يەنە،

ھەر قارا تۈننىڭ ئاخىرى شۈبھسىز تاڭدۇر يەنە،

تۆكمە، قوي ياشىڭنى، مىسكىن، روھنى جانلاندۇر يەنە،

ھېچ ئۈمىدسىزلەنمە، يالقىن، يان يەنە، ياندۇر يەنە،

ئۆت سىناقتىن تاۋلىنىپ، چوڭ ئىمتىھان ئىستەر كۆڭۈل.

1968-يىل ئىيۇل، ئۈرۈمچى

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ