بۇلبۇل بلوگى

0

يالماۋۇز ناخشىسى

309
ئاھ ، خۇدا !
«مەن ئادەممۇ ئەمەسمۇ ؟»
پەيدا بولۇپ باقمىغان بۇنداق خىيال كاللامدا
چۈنكى
مەن ئەزەلدىنلا ئادەم
يەتمىدىم تېخى يوقىلىش مەقامىغا
قورقىمەن
خۇددى پىچاق بىلىگەندە چىققان ئاۋازدەك
ياكى شامالدا لەپىلدىگەن بايراق ئاۋازىدەك
قاغىغان ئۈندىن
قورقىمەن
تارىخنىڭ قاراڭغۇ جايلىرىدا سەن بىلەن ئۇچرىشىشتىن
گاھىدا پەرياد قىلىمەن سەۋەبسىز
گاھىدا قاھ – قاھ كۈلىمەن سەۋەبسىز
ھېچبىر ئادەم يېمەس گۆشۈمنى مېنىڭ
ئۆتكۈزمىدىم يەتتە يىلنى ئېتىكاپتا ئۆڭكۈردە
سىناي تېغىغىمۇ چىقىپ باقمىغان
ئىسپات بۇلار ھەممىسى ئادەملىكىمگە
يەنە ئاشۇ خۇنۈك كارىدور
يەنە ئاشۇ مۇزدەك سوغۇق ئېگىز بوي ئايال
پەقەت ئۇلار
كوچىلاردا تولۇپ يۈرگەن قىزلاردەك
جىنسىي ئەزاسى يوقمىدۇ دېگەن
شۈبھىگە سالالماس كىشىنى
لېكىن
«ئۇلار ئادەممۇ ئەمەسمۇ ؟ » دېگەن
خىيال پەيدا بولۇپ باقمىغان زادى كاللامدا
ئۇلار خۇددىي خىيالي تۇيغۇدەك يېقىن بولسىمۇ
ئۇلار خۇددىي ئۆز تېنىمدەك يىراق بولسىمۇ
بىراق بىر قېتىم
چوڭ كوچىدا
ئادەملەر توپىنىڭ ئىچىدە
ئادەم ئەمەستەك سېزىپ قالدىم ئۆزۈمنى تۇيۇقىسز
چۈنكى سەن سورىدىڭ مەندىن :
لېۋىڭدىكى ئۇ كىمنىڭ قېنى؟ بېرەلمىدىم مەن جاۋاپ
شۇندىن بېرى
قارا رەڭلىك قان تامماقتا سېنىڭ قاپقارا كۆلەڭگەڭدىن
بالىلىقنىڭ يۇلتۇزلار نۇرىغا تولغان ئاسمىنى
چۈشلىرىمدە ئەمدى ئايان بولمايدۇ قايتا
بىراق نېچۈن يەنە
تېخىچە بوينۇڭدا شۇ سەدەپ مارجان
قۇتۇلالماي يۈرەمسەن ياكى
ئازاپلىق بالىلىقنىڭ
ۋە ياساپ ئوينىغان ، يامغۇردا قېلىپ ئېرىپ كەتكەن
لاي قونچاقلارنىڭ ۋەھىمىلىك سايىلىرىدىن
قېنى سەندىكى
تۈگىمەس ئەۋلاد قالدۇرۇش ئىستىكى ؟
قېنى سەندىكى
تەشنالىقىمنى قاندۇرغۇدەك قان ؟
قېنى سەندىكى
يېتەلمەسلىك ئۈچۈنلا قىلىنغان ئارمان ؟
كەل ، جىنسىي زوراۋانلىققا گىرىپتار بولغۇچى
شۇملۇقتىن بىشارەت بەرگۈچى شامالدەك
سۈيۈپ ئۆتكىن يۈزۈمنى
ھوقۇشتەك
كېچىلەرنى تىتىرەتسۇن نازلىق ئۈنلىرىڭ
(1991- يىلى 23– ماي ئۈرۈمچى)

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ