بۇلبۇل بلوگى

0

يالغۇزسىراش

229

ھېچنىمەملا قالمىغاندەك سىزىمەن،

پىشانەمگە پۈتۈلگەن بۇ قىسمەتتىن…

نېكەم، كۈلۈپ باقماپتىمەن دوستلۇرۇم،

پايدام ئۈچۈن ئالغان دەردۇ-ھەسرەتتىن.

 

مەن ياشىدىم دېيىش قېيىن،شۇندىمۇ-

ياشالمىدىم، دېگەن بىرمۇ تەلەپ يوق.

«يارالمىشىڭ ئۆزۈڭدە» دەپ تۇرسىمۇ،

تەۋەككۇل بار ئاغزىمدىلا، سەۋەپ يوق.

 

چىدىمىدىم، بوغۇنۇقتۇم، قان قۇستۇم،

كەلدى كۈنلەر بىر بىرىدىن باغرى تاش.

ئاتۇشلۇقنىڭ جېنى شۇنداق چىڭمۇ- يا؟

ئۆلمەي، يانا ياشاپ كەلدىم ئالدىراش…

 

ئاپتورى: زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى

2011-يىل 24-فېۋرال

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ