بۇلبۇل بلوگى

0

خۇشلۇقۇم

222

(”قۇمۇل ئەدەبىياتى“ ژۇرنىلىنىڭ نەشىر قىلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن)

بىر خەۋەر كەلگەچ بۈگۈن تاشلاندى دەپ ئالغا قەدەم،

تەنگە سىغماي خۇشلۇقۇم، ئالدىم شۇئان قولغا قەلەم.

كۈلسە گۈلشەن ئىچرە بىر گۈل نەۋ باھار ئەييامىدا،

نە ئۈچۈن بۇلبۇل بولۇپ سايرىماسمەن ئۇشبۇ دەم.

ئەرزىگەي بۇ كۈن ئۈچۈن بىز ناغرا-سۇناي ياڭرىتىپ،

خۇددى توي تارتقان كەبى ئېيتساق قەدەمدە يار سەنەم.

ئاندا ئاقتاش، مۇندا بوغدا، تاكى قەشقەر ھەم خوتەن،

ئاڭلىسا توي نەغمىسنى ئاپىرىن دەر غۇلجا ھەم.

باس يەنە ئالغا، ئەزىز يۇرتۇم، پويىزدەك ئالغا باس،

چۆللىرىڭمۇ بولغۇسى شۇ يول بىلەن باغى ئېرەم.

گەرچە مەنزىل-يول ئۇزۇن، ئىقبال قۇچاقى كەڭ ھامان،

چۈنكى باغداش ئۈستىگە تىكتى قۇياش ئالتۇن ئەلەم.

1980-يىل 20-ماي، ئۈرۈمچى

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ