بۇلبۇل بلوگى

0

خۇش مۇبارەك بۇ ئىشىڭ

199

ژۇرنال چىققاچ تۇنجى رەت قۇمۇل دېگەن نام بىلەن،

تەبرىكلىدىم يىراقتىن شەربەت تولغان جام بىلەن.

خۇش مۇبارەك بۇ ئىشىڭ، ئەزىز يۇرتۇم گۈل دىيار،

سەنمۇ ياشناپ كۆكلىدىڭ ئەلگە كەلگەچ خۇش باھار.

قۇمۇل دېگەن قەدىم يۇرت، ئاتىقىڭ بار جاھاندا،

تارىخ گۇۋاھ بۇنىڭغا ھەر قاچان، ھەر زاماندا.

”يىپەك يولى“ بۇ يەردىن ئايرىلاتتى بىر تارماق،

قاتار-قاتار تۆگىلەر جاراڭلىتىپ قوڭغۇراق.

بۇ يەردىن چىققان كارۋان بويلاپ پامىر، تىيانشان،

ئۇزاقلارغا كېتەتتى بېسىپ دەشتۇ باياۋان.

چاڭئەندىن يۈكلەپ تاۋار، خوتەندىن شايى-ئەتلەس،

رۇم ئېلىگە باراتتى، مەنزىل كېزىپ بەسمۇ بەس.

يېنىشىدا تۆگىلەر يۈكلەپ ياقۇت، كەھرىۋا،

قىزىتاتتى بازارنى توي كۈنىدەك ھەر سابا.

شۇندا نامىڭ جاھانغا يېيىلغانتى دەممۇ دەم،

ئەزەلدىنلا سەن ئىدىڭ ئەل ئىچىدە مۆھتەرەم.

ئەمدى بۈگۈن تۆگىگە نېمە ھاجەت، نە ئورۇن،

تۆمۈر بۇقا سۆرەيدۇ قىرىق-ئەللىكلەپ ۋاگون.

ئېچىلدى يەرنىڭ سىرى خاڭچى ئەرلەر تەرىدىن،

يېڭى – يېڭى خۇش خەۋەر كېلۇر قۇمۇل شەرىدىن.

ژۇرنال چىقتى دەپ ئاڭلاپ قۇمۇل دېگەن نام بىلەن،

قۇتلاپ سېنىڭ تويۇڭنى شەربەت تولار جام بىلەن.

شەنىڭگە قوشاق قاتتىم ئاتاپ ساڭا ئىلھامنى،

قوبۇل قىلغىن، جان يۇرتۇم، بۇ ئەرزىمەس سوۋغامنى.

1980-يىل 31-ماي، ئۈرۈمچى

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ