بۇلبۇل بلوگى

0

خەير، بەختلىك دوستۇم

479

مېنىڭ سەۋر – تاقىتىمدەك خوراپ تۈگىدى
باشتا توك –
بىز قاراڭغۇدا قالدۇق،
ئارقىدىن تەبىئىي گاز –
بۇ يىل قىشنىڭ ناھايىتى سوغۇق بولغانلىقىنى تەن ئالدۇق،
كېيىن ئۇن، ماي، گۆش، كۆكتات –
ئاشقازىنىمىزغا يۈز كېلەلمىدۇق،
ئاخىرىدا پۇل –
ئۇنى «قولنىڭ كىرى» دېگەن ئاغزىمغا نەچچىنى سالاي دەپ
قولۇمنى كۆتۈردۈم، ئەمما قۇلۇم يىقىلدى.

دائىم كېچىلەردە
مېنى قىينايدىغان بىر شېرىن سىزىم
ھازىر يوق،
يېنىمدىكى بوش يەردە
ياتار بىر ئايال!
مەن سېنىڭ كەتمەسلىكىڭنى تىلەپ
بەزىدە ئايىغىڭنى تىقىۋالاتتىم
(تىققان يىرىمنى مەنمۇ بىلمەيتتىم)،
بىراق سەن يەنىلا كېتەتتىڭ.
ئەمدى ئۇ –
كەتمەيدۇ!
كېتىش نەقەدەر گۈزەل – ھە!
سېغىنىش نەقەدەر گۈزەل ھە!

مەن قاچىدىغان ئۇ ئاخشاملار
دېرىزىدىن سۇس شولا تاشلار،
ئۇنىڭ بىلەن قېرىپ ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىمنى ئويلىسام
قورقۇپ كېتىمەن.

«ئالدىڭمۇ» دېگەندە
«ئالدىم» دېدىم!
ئەمدى تېنىمدىن توك چىقىرىشتىن باشقا
جېنىمنى قالاپ ئۆينى ئىسسىتىشتىن باشقا
ئارزۇ – ئىستەكلىرىمدىن ئۇن تارتىپ، ماي چىقىرىپ
كۆكتات ئۆستۈرۈپ ئايالىمغا: «ئوخشىتىپ لەغمەن ئەت» دېيىشتىن باشقا
ئىشىم يوق!
سەن مۇھەببەتلىشىپ ئايرىلىپ كېتىۋەر
ئۆلۈمدەك جىمىپ، دەريادەك يىغلاۋەر
قېچىۋەر، كۈتىۋەر!
خەير،
ۋاقىتتەك ئالدىراش، ئايالىمدەك بەختلىك دوستۇم!

2016- يىلى 19- دېكابىر

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ