بۇلبۇل بلوگى

0

خەرىتەم

259

 

 

ئالىقىنىم ئەڭ خالىي قۇشلار ئارىلى،

روبىنزۇن كرۇزو كەلمىگەن تېخى.

ئۇ يەردە مەن تىككەن بىر تۈپ دەرەخ بار،

يالتىرار ئۇچىدا كۆز ياشنىڭ دېغى.

 

كىرمەكتە ياۋايى تومۇرلىرىمغا

قەدىمكى ھاياتنىڭ باھار ئېقىنى.

ئورمانلار ياپيېشىل قوللىرى بىلەن

قۇملۇقتىن پارچىلاپ چىقماقتا مېنى.

 

بىر دانە ئەر ئىدىم، مىڭ دانە بولدۇم،

باشقىدىن سىزىلار مېنىڭ خەرىتەم،

قاراڭغۇ قەسىر بار چىراغ تۈۋىدە،

ئەتىلا مەلىكە بولار پەرىشتەم.

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ