بۇلبۇل بلوگى

0

خەلق ماقاللىرىدىن ئىقتىباسلار

200

ئالىمڭنى كەڭ ياراتتىڭ، زامانەڭنى تار،

زالىمىڭنى بەگ ياراتتىڭ، ئالىمىڭنى كار.

كوزا چاققان تاپتى دۆلەت، تاپتى ئىززەت، تاپتى بەخت،

سۇنى كىم كەلتۈرسە، بولدى ھەر قەيەردە خارۇزار،

قاغا تاپتى ئېتىبار، بۇلبۇل نەزەردىن يىراق،

چېتىلىپ قالدى ئېشەكنىڭ قۇيرۇقىغا بۇغرا-نار.

كەتمەن دېگەننى بىز چاپساق، يېتىپ يەيدۇ خىيموزا،

بىر زاغرىنى زولۇق يەپ، ئۈچ كۈن تۇتىمىز روزا.

دەي دېسەم گەپ بولىدۇ، دېمەي دېسەم دەرد بولىدۇ،

تارتىپ كۆرگىلى دەردنى تېپىلارمۇ تارازا!

ھەر ئىشنىڭ ئامالى بار، ھەر گەپنىڭ زامانى بار،

كۈندە سۇنمىغان بىلەن، كۈنىدە سۇنار كوزا.

كۆرمەيىن باستى تىكەننى، تارتادۇرمەن دەردىنى،

كۆرسەم ئەردىم، باسماس ئەردىم، تارتماس ئەردىم دەرىنى.

تارتا-تارتا دەرد-ئەلەمنى زەپىران بولدى يۈزۈم،

قاينىمى تاشقان بۇلاقتەك توختىماس ياشلىق كۆزۈم.

كۆز يېشىم دەرياسىدا غەرق بولسا جانىم، ياخشىراق،

چۈنكى كۈندە مىڭ قېتىملاپ ئۆلتۈرەدۇر ئەل پىراق.

بولمىغاي ھېچكىم مېنىڭدەك بەختى قاچقان ناتىۋان،

ناتىۋان بولسا بولۇر، بولماس مېنىڭدەك باغرى قان.

باغرى قان بولغان كىشىنىڭ دەردىنى دەردمەن بىلۇر،

دەردى يوق بىدەرد كىشىلەر بەلكى دەرمەندىن كۈلۈر.

كۈلمىگەي ھېچكىم بىراۋدىن، ئۆتنە ئالەم بۇ زامان،

ياخشىنى يامان دېگەن يامان ئۆزى قالماس ئامان.

كۆرمەيىن باسما تىكەننى، تارتما ھەرگىز دەردىنى،

يۈرمىگىن ئاخىر كىيىپ مەندەك كۇلاھۇ جەندىنى.

1949-يىل ئىيۇل، ئۈچتۇرپان

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ