بۇلبۇل بلوگى

0

خەجلە ،خائىنلار خەجلە

266

خەجلە ،خائىنلارەي ، خەجلە،بۇ ئەلنىڭ مالىنى خەجلە،

يېتىشمەي قالسىلەر ئۇ ھەم ئېلىپ سەن جانىنى خەجلە.

خېنىمغا ئوسما دەپ خەجلە،بېگىمگە تاسما دەپ خەجلە،

تالان   –   تاراجىدىن   قالغان  پارچە  نانىنى  خەجلە.

دېھقانغا  ئاچقۇزۇپ  بوزنى دۇكانغا  توقۇتۇپ  بۆزنى ،

سېلىپ ئالۋاننى يۈز قاتلام ،ئىچىپ سەن قانىنى خەجلە.

كۆلىدە بېلىقى كۆپ دەپ ،يەر ئاستى بايلىقى كۆپ دەپ ،

قەدەمدە مىڭ تېپىپ ھىيلە،ئېچىپ سەن كانىنى خەجلە.

پالانى ئاقچىدۇر- كۆكچى ،بۇ ئۆتكۈرمۇ يامان دوقچى ،

دەپ پارچىلاپ بۇ مىللەتنى،سېتىپ ۋىجدانىنى خەجلە.

1949-يىلى 8-يانىۋار.

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ