بۇلبۇل بلوگى

0

خاسىيەتلىك ئۇچرىشىش

286

(شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق تۇنجى نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر كلاسسىك ئەدەبىياتى ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن)

چۈشمۇ بۇ، ئوڭۇممۇ بۇ ياكى لەزىز خىيالمۇ بۇ،

ياكى بەخت-ئىقبالغا تۇش كەلگەن ئاجايىپ پالمۇ بۇ؟

باق، گۈزەل بىر قەسىر ئىچرە چاقنىغاندا نۇر-چىراق،

باشلىۋەتتۇق بەزمىنى بىز، ناخشىمىز بەك ياڭراق.

چىقتى تۆرنىڭ بېشىغا ئاۋۋال ئوغۇز ساھىبقىران،

قانچە ئەللەر، قانچە خەلقلەرگە ئات قويغان بۇ خان.

ئولتۇرار بىر كۇرسىدا ئالپ ئەر تۇڭا ئافراسىياپ،

قولىدا ئالتۇن قەدەھ، قەشقەر شارابى پارقىراپ.

ئەنە بىر كۇرسى ئۆزرە ئولتۇرار باتۇر ماناس،

ئاق كىگىز قالپاق بېشىدا، ياغدى ئالقىش گۈلدۈراس.

ئالپامىش قىلدى كىرىپ مەردانىلەرچە بىر سالام،

تولدۇرۇپ توققۇز قېتىم تۇتتى قىمىز ساقىي تامام.

چاپتۇرۇپ بوز ئارغىماقنى كەلدى جاڭغىرمۇ شۇئان،

ھەم گېىسر ۋاڭمۇ كېلىپ سەپكە قوشۇلدى شادىمان.

ئەسسالام ئېيتىپ ئۇلۇغ ھاجىپ يۈسۈپ كىرگەن زامان،

جانلىنىپ كەتتى سورۇن مىڭلاپ چېچەك كۈلگەنسىمان.

چاقنىدى دانىش-ئىلىم، پەزلى دۇردانىسى،

دېدى ھەممە: مىڭ ياشا، سەن دەۋرىمىز يېگانىسى.

مانا مەھمۇد كاشىغەرىي، ئۇ ئىلمۇ ئىرپان دېڭىزى،

كىردى قامۇس بىرلە ئۇ، گويا كۈلۈپ ئاسمان يۈزى.

مانا لۇتفىي ھەم نەۋائىي، ھىرقىتى، گۇمنام، مۇقىم،

مانا فۇرقەت ھەم زەلىلىي، ھەم نىزار ئابدۇرەھىم.

مەرىپەت ئاسمانىدىن دۇردانىلەر تېرىپ ئاباي،

كىردى جىرتىپ دومبىرا، ئېيتىپ ئۆلەڭلەر بىر تالاي.

”ئەي تۇغان تىل، ئەي ماتۇر تىل، ئەتكەي-ئەنكەمنىڭ تىلى،

دۇنيادا كۆپ نەرسە بىلدىم سېن تۇغان تىل ئارقىلى“

دەپ كىرىپ كەلدى سورۇنغا جىر-جىرلا ياش توقاي،

بۇ شېئىر ئاسمانىدا تۇغقان كەبى يېڭى بىر ئاي.

ئەۋجىگە چىقتى مۇشائىر، تەڭكىشى تەمبۇر، دۇتار،

داپ بىلەن سۇناي، قوبۇز، جىرغا قوشۇلدى چاڭ، گىتار.

تولدۇرۇپ مەي جامىغا دۇفۇ بىلەن لى بەي شۇ دەم،

”خۇش مۇبارەك“ دەپ قېلىشتى بەزمىگە تەشرىپ قەدەم.

ياڭرىدى ئالقىش ساداسى، كۆكتە كۈلدى زەر قۇياش،

بەختۇ ئىقبال دائىما بولغاي خەلققە چىن قاياش.

شۇ قاياشلىق بىرلە كۈلسۇن يەنە سەنئەت گۈللىرى،

سايرىسۇن گۈلشەن ئارا ھەممە خەلق بۇلبۇللىرى!

1983-يىل 24-فېۋرال، ئۈرۈمچى

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ