بۇلبۇل بلوگى

0

ۋىجدان دەۋىتى

169

”دەرىخ“ دە، ”مىڭ دەرىخ“ دە ئۆز-ئۆزۈڭگە،

قۇچاقلاپ ئۆتكىنىڭگە تەلۋە يىللارنى!

بۇ ۋىجدان دەۋىتى، بىلسەڭ ئىدىڭ سەن،

ئاقارت ئىجاد بىلەن ئەمدى كىرلارنى!

قېيىپ چۆللەردە ئازغۇن قىيانلاردەك،

ساراڭ – بەڭباشلىقىڭ يىغلىسۇن ئەمدى.

ئەقىلدىن ئاجرىغان بىھۇدە ئويلارنى

قىزىل يالقۇن ئوتى كۆيدۈرسۇن ئەمدى.

باھار يامغۇرى ياغدى، سۇلىرى تاشتى،

كۆڭۈل كىرلىرىنى يۇيايلى كەل-كەل.

يۈرۈپ پەرھاد بىلەن تاشلار كېزىپ بىز،

ۋەتەننىڭ شەنىگە تىكلەيلى ھەيكەل!

1956-يىل 12-دېكابىر، ئۈرۈمچى

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ