بۇلبۇل بلوگى

0

ۋەتەن

223

دېڭىزلارنىڭ پارچىسى تېنىم ،

غار ئاغزىدا ساقلايمەن سېنى .

ئەينىكىڭگە ئايلاندى قېنىم ،

ھۇۋلار ئۇندا يايلاق سەلكنى .

قالدى نەپەس ساڭا بىر دۇنيا ،

ياشلىرىڭدىن يوغاندۇر قەۋرەڭ .

ئىزلەر سېنى ئۇنتۇلغان سادا ،

كۈيلىرىمدىن رەڭ تۈزگەنچە رەڭ !

كۈيلەر شۇڭا قارىيىپ بىر پەس ،

غار ئاغزىدىن سويلاپ چىقار .

كۈندۈز ئىدى سېنى باسقان نەس ،

دىلبەر تۈنلەر ھەۋەسلەرگە زار .

ئالتۇن ياغا كىرىچسەن مۇردام ،

شاماللارغا سانجىيسەن باشاق .

ئاڭلىمايسىز خاقانسىز ئوردام ،

شاماللاردىن توقۇيسەن قوشاق .

دېڭىزلارنىڭ پارچىسى تېنىم ،

غار ئاغزىدا ساقلايمەن سېنى .

چاڭقىغاندا كەلسەڭچۇ جېنىم ،

مەن ئۈمۈدنىڭ رەڭۋاز يەلكىنى .

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ