بۇلبۇل بلوگى

0

ۋەتەن سۆيگۈسى

186

ئاتاممۇ ۋەتەن، ئاناممۇ ۋەتەن،
شۇنداق ئىخلاسنى بوۋام ئۆگەتكەن.
قەدىردان مومام چۆچەكلىرىنى
ۋەتەن سۆيگۈسى بىلەن تۈگەتكەن.

بارچىدىن ئەلا بىزگە ئانا يۇرت،
ئانا يۇرت ئىشقى ئۆچمەيدىغان ئوت.
ۋەتەن سۆيمىگەب تاپماس كامالەت،
ئاسىيلار ئۈچۈن ۋەتەن ئۆزى سوت.

باغلىرىڭ –ۋەتەن، ئېتىزىڭ-ۋەتەن،
ئاتاڭنىڭ تەكتى-يىلتىزىڭ ۋەتەن.
ئەۋلادىڭ ئۈچۈن بولسۇن سېنىڭمۇ
بىر ئىزىڭ تارىخ،بىر ئىزىڭ ۋەتەن.

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ