بۇلبۇل بلوگى

0

ۋەسىيەت

312

بارلىق شان-شۆھرىتىمنى

پۈتۈن نام-ئابرويىمنى

تۇغۇلۇش ئىسپاتىمدىن ئۆلۈش ئىسپاتىمغىچە بولغان

ھەممە ئۇنۋان، دىپلوم ۋە تەقدىرنامىلىرىمنى كام قويماي

ئەزىز خەلقىمگە، جۈملىدىن

نادان قالغانلارغا

ئىپتىدائىي قاراشلاردا تۇرۇپ قالغانلارغا

چاكىنىلىقتا ئۆلەي دەپ قالغانلارغا

چىركىن جەمىيەتنىڭ قۇربانلىرىغا

مەرىپەتسىزلىكتىن لەۋلىرى قۇرۇپ كەتكەن

كىتابسىزلىقتىن كۆزلىرى ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن

پەلسەپەسىزلىكتىن بىر تېرە، بىر ئۇستىخان بولۇپ كەتكەن

ئەخلاقسىزلىقتىن چاچلىرى ئاقىرىپ كەتكەن

ئالىم نېسىپ بولماي كېسەل بولۇپ كەتكەن

مېنى تاپالماي يامان يوللارغا كىرىپ كەتكەن بايقۇشلارغا قالدۇرىمەن.

ئەرز قىلىپ تاپقان پۇللىرىمنى

مېنى ئاقلاشقا سەرپ ئېتىڭلار!

 

2015.7.7

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ