بۇلبۇل بلوگى

0

ۋاي توۋا

323

ماختاۋىرىپ <تالقان>نى،بولۇپ قالغاچ ماختانچاق،
ئالغۇم كەلمەس ئاغزىمغا ئىۋەنلەرنى، ۋاي توۋا.
چۆرەمدىكى ئىشلارنى سۆزلەپ قويسام تۆت ئىغىز،
قويارمەنمۇ رەنجىتىپ لېۋەنلەرنى،ۋاي توۋا؟!

تېتىم-يىسىر كۆپەيدى ،مۇدا بولغاچ ئاجىرشىش،
ئەر تاللامدۇ، ئايالمۇ ؟بىلەلمىدۇق ،ۋاي توۋا،
يەڭگۇشلەيدۇ يىلدا بىر بەزىلىرى ئايدا بىر،
مۇبارەكلەپ -تەبرىكلەپ كىرەلمىدۇ، ۋاي توۋا.

ئاتمىش ياشلىق ئاياللار ئاۋەرىدۇر چاچ بوياپ،
قىرىغاندا قايتىدىن <چوكان> بولدى، ۋاي توۋا.
<بۇلبۇل>دەيدۇ تورغاينى بىلمىگەچكە گۇدەكلەر،
تۆت-بەش ناخشا ئىيتىقانلار< چولپان> بولدى، ۋاي توۋا.

سۇ ساغامدۇ ئېنەكتىن، بىلەلمىدۇق ،ئاياللار،
سۇ تېتىيدۇ قوشنامنىڭ ساتقان سۇتى،ۋاي توۋا.
يۇرمەيتتىغۇ تولىسى تاھارەتسىز ئۇلارنىڭ،
كۆيدۇرمەمدۇ ئۆلگەندە دوزاق ئوتى، ۋاي توۋا.

ھاجىلارمۇ تۇتۇلدى يۇرتىمىزدا <ئاق>سىتىپ،
تېگىشىپتۇ ئىماننى پۇل شەيتانغا،ۋاي توۋا.
ئىشەنىچ قىلغان تاغلاردا قىنى كىيىك ياتقىنى؟
شەك چۇشكەندەك بولدىغۇ ئاپئاق نانغا،ۋاي توۋا.

خەقتىن ئاشقان ئاش ،دەيدۇ،ئاشنا دىگەن ئەزەلدىن،
ئىزدەپ تېپىپ بەزىلەر ئىچىدىكەن ،ۋاي توۋا.
تىككىچىمۇ دادىسى سورالمىدۇق تەكتىنى،
بىر-بىرىگە قەغەز بۆك تىكىدىكەن، ۋاي توۋا.

قىچىپ كەتكەن قىزىنى كەپتۇ بىرى قايتۇرۇپ،
سۇنۇپ كەتسە مەيلىكەن جانان چىنە،ۋاي توۋا.
ئېغىر ئالماس بوپ قاپتۇ بۇ ئىشنىمۇ بەزىلەر،
بىلەلمىدۇ بۇ ئىشتا سەۋەپ نېمە؟ۋاي توۋا.

ئەگەشكەنچە جىڭ مالغا ساختا چىقتى زاۋۇتتىن،
سۇرۇشتۇرەر ئادەم يوق، سىتىۋىرەر، ۋاي توۋا.
ئارلاشقاننىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلايدۇ پۇل بىلەن،
تۇۋاقلانغان ئاكاملار كىتىۋىرەر، ۋاي توۋا.

باھا چۇشتى بەيگىگە بىر-بىرىگە يول بەرمەي،
قانداق قىلار نامراتلار گۆش سىغىنسا؟ۋاي توۋا.
ئاينىغانلار،ئازغانلار يىغالماستىن نەپسىنى ،
يەپ تۇراركەن قانۇندىن مۇشىت سىغىنسا،ۋاي تۇۋا.

ئىكران بىلەن رادىئۇ نىكاھلاندى <ئېلان>غا،
ئايىرىلماستىن ئۆمۇرلۇك ئۆي بۇلارمىش، ۋاي تۇۋا،
چۈشۈپ كەتتى مەشرەپمۇ <ئېلان>تۈزگەن پىلانغا،
نېمە دىسە ماقۇل، دەپ بوي سۇنارمىش، ۋاي تۇۋا.

<ئېلاننىڭمۇ خۇمارى تۇتامدىكىن>دەپ قالدۇق،
ئېزىقتۇردى پۇل دۆيۈز <چۇلپان> لارنى ،ۋاي تۇۋا،
پاڭ بۇپقاپتۇ تۇيۇقسىز سېھىرلىنىپ ئۇلارمۇ ،
ئاڭلىماسكەن ئەپسۇسلۇق چۇقانلارنى ،ۋاي تۇۋا .

ئۈنۋان ئالماق ئېقىمدۇرئۈچيۈز كۇيدىن پۇل تۇلەپ ،
كىملەرگىدۇر يازدۇرۇپ ماقالىنى ۋاي تۇۋا،
تۈلكە بۇلدى تالايلار يالغان ئيتىپ بىر ئەپچىل،
ئالدىغاندەك ئورماندا خاقانىنى ۋاي توۋا.

مىللىتىنى سورىساڭ،<ئۇرغۇي>دەيدۇ بالىلار،
ئاۋارە بىز <ئۇيغۇر>غا ئۆگىتەلمەي، ۋاي توۋا.
ساراڭمۇ بىز،ساقمۇ بىز؟ توختاپ قالدى قەلىمىم،
بۇ ئىشلارنى يىزىپمۇ تۇگىتەلمەي ،ۋاي توۋا

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ