بۇلبۇل بلوگى

0

ۋاقىتنىڭ ئەرۋاھى

198

(تارىخى رومانلار ھاسىلاتى)

ۋاقىتنىڭ ئەرۋاھىغا سۆز يوق
قان ۋە قىلىچ ئۇلارنىڭ شەجەرىسى.
مېۋىلىك كۈندۈزلەر
ئۆسكىلەڭ ۋاقىت ۋە ئەجەللىك ئىنتىقاملار بىلەن تولغان.
مىڭ يىل ئاۋۋالقى ئۇد بىلەن قالۇننىڭ ئاۋازى ھازىرمۇ ياڭرار ئوپئوخشاش
تامدىكى رەسىملەر ئۇسسۇل ئوينار ئوپئوخشاش
ئادەملەر ئۆلەر ئوپئوخشاش
ئۆزگەرگىنى جۇغراپىيە
يەنە ئازراق ئاناتومىيە.

مەيلى مەسچىت قۇببىسىدىن بولسۇن
مەيلى بۇددىسىت سۇتراسى ياكى
چېركاۋ سوناتاسى
ئوخشاش بىر سۆز ياڭراپ كەلدى ئەزەلدىن
بىز تەڭرىنىڭ سۈرگۈندىكى سايىسى.
ئۇلۇغۋاردۇر ئۈستىمىزدە ئاسمانلار
ئۇلۇغۋاردۇر قان ۋە قىلىچ ئاستىدا
كۆز يۇمۇشقان نام نىشانسىز ئىنسانلار.

ئەمدى
ئەمدى پەقەت كىتابقا بەنت
ئۆز ئاۋازى، سىياقىدىن ئايرىلىپ
سەرسان يۈرگەن ئەشۇ يۇچۇن ئەرۋاھلار.

2016.2.19

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ