بۇلبۇل بلوگى

0

ۋاپا ناخشىسى

175

مەيلى ئاشىق بول، مەيلى سەن مەشۇق،
ۋاپا شامىنى ئۆچۈرمەي ياندۇر.
تىكەن ئۈنمىسۇن سۆيگۈ بېغىغا،
يارىڭ قەلبىنى سۆيگۈگە قاندۇر.

ئاياغى سۇنسا، ئۆزۈڭ بول ئاياغ،
ساڭا تايانسۇن، ئۆزۈڭ بول تاياق.
يارىڭ ئات مىنسۇن، ئۆزۈڭ يۈر ياياق،
يۈرىكىڭنى بەر يارىڭدىن بالدۇر،

ساڭا ھەر جايدا ۋاپا يار بولسۇن،
ۋاپاسىزلارنىڭ جايى دار بولسۇن.
تاپقان بالاڭمۇ ۋاپادار بولسۇن،
سەنمۇ شۇلارغا ئۇلۇغ ئىز قالدۇر.

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ