بۇلبۇل بلوگى

0

ئۇيغۇر يىگىتلىرى

209

يىگىتلەرنىڭ تەسۋىرى تەس شائىرلارغا،
چۈنكى ئاڭا ئالتۇندىن سۆز تاللىنىدۇ.
ئەمما ئۇيغۇر يىگىتلىرى تەسۋىرىگە،
سۆز تاپالماي تالاي قەلەم شاللىنىدۇ.

تەڭرى ئايدىن ئېلىپ بەرگەن رۇخسارى بار،
ئۇلار قەددى قىشنى يەڭگەن قارىغاي گويا.
تۈزۈك داڭلاپ باققىنى يوق قەلەملەرمۇ،
يا بىلىدۇ،يا بىلمەيدۇ شۇڭا دۇنيا.

تومۇرلىرى ئويناپ تۇرار ئەلمىساقتىن،
پەرھات كەبى قەيسەرلىكنىڭ قېنى بىلەن.
ئالماس تەنلىك ئادەملەردۇر ئەجدادلىرى،
ھالاللىقنى تەڭ كۆرىدۇ جېنى بىلەن.

ئارمىيىنىڭ قوشۇنىدا قان تۆككەنلەر،
شۇلار ئىدى ئەل سۆيەرلىك ئارزۇسىدا.
ئەل بېشىغا كۈن چۈشكەندە دىمەك ئۇلار،
قالغان ئەمەس ئۆز جېنىنىڭ قايغۇسىدا.

دىيانەتنى بايلىق بىلەر بۇ دۇنيالىق،
ئاق كۆڭلى بار تەڭرىتاغنىڭ ئاق قارىدەك.
ئاق سۈت ئىچىپ ئەر يەتكەچكە شۇڭا بەلكىم،
يىگىت سۆزى ياراشقاندۇر ئۆز يارىدەك.

ئاتا ئىزى،ئانا سۆزى ــ ئەدەب يولى،
ئاچ يۈرسىمۇ پەزىلەتتىن چەتنىمەيدۇ.
ھايا -شەرم ئەڭگۈشتىرى ياشلىقىنىڭ ،
پىنھانلاردا شەيتان بىلەن كەچلىمەيدۇ.

ئىززەت ھۆرمەت دەستۇرى بار ۋۇجۇدىدا،
تاشلىمايدۇ ئەسسالاممۇ -ئەلەيكۇمنى!.
سۆزلىرىدىن باھار ھىدى كېلىپ تۇرار،
مەشۇقلىرى ئەسلىتىدۇ قىزىلگۈلنى.

تاغلار تۈزەپ سۇ باشلىغان تارىخى بار،
نەپ ئالمىغان دالا-تۈز يوق كەتمىنىدىن.
خەلقى ئۈچۈن خەتەرگىمۇ پىدائىيدۇر،
زارلانمايدۇ ھەرگىز جاپا چەككىنىدىن.

بىرى ناۋاي،بىرى باپكار ،بىرى تامچى،
يىگىت ئۈچۈن يەتمىش تۈرلۈك ھۈنەر ئاز دەپ.
دەريا بولۇپ ئاقتى بىلىم يۇرتلىرىغا،
بىلىم دىگەن ئەڭ مۇقەددەس ئىمتىياز دەپ.

كۆيۈپ تۇرغان قىزىق مەشتەك مەشرىپى بار،
سورۇنلىرى قازان خۇددى قايناپ تۇرغان.
ئۇدۇم تۇرسا بېسىلغايمۇ كۈلكە چاقچاق،
يۈرەك باغرى بىر پارچە ئوت لاۋلاپ تۇرغان.

دۇتتار، تەمبۇر، راۋاپ، غېجەك قوللىرىدا،
ئۆزلىرىدەك يېقىملىقتۇر چالغۇلىرى.
ناخشىلىرى قەدىرلىنەر ناندەك ئۇلۇغ،
تەڭ يېرىمى يىگىتلىكنىڭ تۇيغۇلىرى.

توي تۆكۈنلەر قىزىمايدۇ يىگىتلەرسىز،
دەپنىسىدە يەنە شۇلار ئۆلگەنلەرنىڭ.
ئۆزى شۇلار:يانغىن بولسا شۇئان ئوتقا،
كەلكۈن كەلسە ئاۋۋال ئوتقا كىرگەنلەرنىڭ.

ئامەت كەلسە يوقاتمايدۇ ئەس-ھوشىنى،
ئاپەت كەلسە كاج بەختىدىن قاقشىمايدۇ.
شۇ روھ بىلەن كېلەر ئۇيغۇر يىگىتلىرى،
ئاندا-ساندا پۇتلاشسىمۇ ئاقسىمايدۇ.

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ