بۇلبۇل بلوگى

0

ئۇيغۇر تائاملىرى

210
تائاملارغا خاندۇر ئۇيغۇر تائاملىرى،
بىزگە شەرەپ-شاندۇر ئۇيغۇر تائاملىرى.
بولدى لەڭمەن جەلپكارى يەر يۈزىنىڭ،
بىزگە ھۆسىن-خالدۇر ئۇيغۇر تائاملىرى.
مانتاخۇمار بولۇپ قالدى بىر يېگەنلەر،
جىم بولۇشتى پولۇ پىرى بىز، دېگەنلەر.
ئاشمانتىغا ئاشىق بولدى، مەشۇق بولدى،
تائاملاردىن كۆڭلى ھۇزۇر ئىزدىگەنلەر.
گۆشنان دېگەن تائاملارنىڭ بەگ-تۆرىسى،
تولغان ئايدەك چىرايلىقتۇر چەت-چۆرىسى.
ئەمدى ئېغىز تېگىپ تۇرسا ئەھلى مېھمان،
كىرىپ كېلەر“مەنمۇ بار!“دەپ چۆچۈرىسى.
ئۇيغۇرلاردا بار، ئالەمدە يوق گۆشگىردىمۇ،
بازاردا تاپتى شاڭخەي،بېيجىڭ…ئىچكىرىدىمۇ،
قەدىمدىنلا سامسا ئۇنىڭ قېرىندىشى،
سورىمايدۇ ياز كەتتىمۇ ،قىش كىردىمۇ؟

ئەتكەن چايغا جور كېلىدۇ ئاق نېنىمۇ،
بىللە كېلۇر ماي چەيلىگەن قاتلىمىمۇ،
ئۆرگىلىمەن،ئۆينىڭ قايماق يۇتازىسىدىن،
بولماس ئۇنى ھەممە يەردىن تاپقىلى.

چەينەك شورپا،سامبۇسىنىڭ زوقى باشقا،
نېمە يەتكەي ئاچچىق-چۈچۈك ئۈگرە ئاشقا؟
بېنەملىكتە ئۇندىن ئارتۇق تائام يوق،دەپ،
داڭقى كەتتى مەنپەرنىڭمۇ تاغۇ تاشقا.
ئاڭلىغاندەك ئالەم بىزدىن راۋابنىمۇ.
كۆردى يەنە قوي گۆشىدە كاۋاپنىمۇ.
كىمنىڭ؟دېسە كەلگەن مېھمان بۇ ئىجادنى،
ئۇيغۇرنىڭ! دەپ بەردۇق دادىل جاۋابنىمۇ،
بېھى بىلەن كىشمىش بېسىپ پولۇ ئەتمەك،
قىز مەڭزىدەك گىردىكلەرگە كۈنجۈت سەپمەك؛
ئاق توقاچلار سىياداننى سېلىپ ياققان،
ھۈنەر بىلەن ئاق نانغىمۇ گۈللەر چەكمەك.
ھېيىت-ئايەمدە ساڭزا بىلەن ئۆپكە-ھېسىپ،
بوپتۇ يەنە شۇ ھۈنەرمۇ بىزگە نېسىپ.
تۇخۇم پوشكال،شويلىلارمۇ بىزنىڭ ئىجاد،
شۇنچە يازسام قۇيماق،پۆرە قاپتۇ ئېشىپ.
بىزنىڭ قولدا مۇردا تاپتى نارىن چۆپمۇ،
جىق تائامغا بولدى خۇرۇچ قايماق،سۈتمۇ.
باھار كەلسە باغدىن قىزلار تېرىپ كېلىپ،
چۆچۈرىگە قارار تاپار بېدە كۆكمۇ،
قەلىمىمدە مىڭ تەرىپى ھەر تائامنىڭ،
چېكىتنى قويغۇم كەلمەس ”سۆز تامام“نىڭ.
ھەر تائامنىڭ خىلى تولا،تۈرى تولا،
تەگسە ئېغىز بايرىمىدۇر ئەھلى جاھاننىڭ.
ماھارەتلىك مانتىپەزلەر سايراپ تۇرار،
سامسىپەزنىڭ ئىككى قولى ئويناپ تۇرار.
ئۇيغۇرلارنىڭ تائاملىرى بەرگەن لەززەت،
ئاغزىڭدىن كەتمەي ئايلاپ-يىللاپ تۇرار.

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ