بۇلبۇل بلوگى

0

ئۇيغۇر قىزى

234

ئەي قەمەر، قاشىڭدا مەن ھەيرەتتە قالدىم ئۈشبۇ تۈن،
ماھ رۇخسارىڭ سېنىڭ ئون تۆت ئىكەن تولغان بۇ كۈن.

ئول قۇياش تارلىق قىلىپ، چاچقانى راست ئوخشايدۇ ياغ،
شۇل سەۋەبتىنمۇ يۈزۈڭدە بار ئەجەپ يىتمەس بۇ داغ.

ئۇشبۇ داغدىن گۈل يۈزۈڭگە يەتمىدى ھېچبىر زەرەر،
بۇ ئەسەر بىر مەڭ بۇلۇپ، ھۆسنۈڭنى ئاتتۇردى مەگەر.

بىر قاراشتا گۈل يۈزۈڭگە ئاشىق بولدۇم بىقارار،
ئوخشىغان نەركەس كۆزۈڭ خۇددى ئېلېكتىر يالتىرار.

لەۋلىرىڭنىڭ قېنى ئانار رەڭگىدىنمۇ ياخشىراق،
چىشلىرىڭ چىن ئۈنچىدىن، تىللىرىڭ مەھبۇبراق.

قاشلىرىڭدۇر يىڭى چىققان ئەينى شەۋۋالنىڭ ئېيى،
سېنىڭ ئالدىڭدا باراۋەردۇر گادا، شاھۇ، بېيى.

سېھرىگەر گۈل، كۆزگە ساقچى، كىرپىكىڭ بىر نەيزىدۇر،
ھەر قاراشىڭدا كېلىپ نەيزەڭ يۈرەكنى ئېزىدۇر.

ساچلىرىڭ رەقىبلىرىڭ كۆڭلى كەبى بىر سىر قارا،
ئەۋرىشىمدەك يەلپۈنۈپ سالدى كۆڭۈلگە جىق يارا.

قوللىرىڭنىڭ ئاقلىقى، سۈزۈكلىكىدىن نۇر چىقۇر،
بۇ قوپال قۇلۇم بىلەن تۇتسام قۇلۇڭغا ھۇر چىقۇر.

تەنلىرىڭ ئالماسقا ئوخشاش ئاق سۈزۈك بىر شەئلىدۇر،
خېنە ياققان تىرنىقىڭ مىسلى بەدەھشان لەئلىدۇر.

بويلىرىڭ زىلۋالىقى سەرۋىگە ئوخشار ئەي سەمەر،
كۆرمىدىم ھېچبىر چىرايلىق ساڭا ئوخشاش بىر نەپەر.

تەۋرىنىپ كەتسەڭ ئەگەر يەلپۈنەدۇ بۇ ساچلىرىڭ،
ئىلتىپاتىڭدىن ئۈمىد ئەيلەپ ئاقۇر قان-ياشلىرىم.

قاتتى قالدى قارىغان يەردە سېنىڭ بۇ شائىرىڭ،
تىلىسەڭ قىلغىن مۇسۇلمان، تىلىسەڭ مەن كاپىرىڭ.

1917-يىل

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ